ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە قىلغان زىيارىتىدە مەزگىلىدە خوتەن ناھىيەسىدە 10 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئىشىك ئالدىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان قارا مور پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە يەنە دولان كىيىم-كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتلىرىنى زىيارەت قىلغان. ھالبۇكى، بۇنداق زاۋۇتلار چەتئەللەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن لاگېردىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئورۇنلار، دەپ تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.
چېن چۈەنگو زىيارىتى مەزگىلىدە يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى ۋە يەنە خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىدىكى توپچا مەسچىتىنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇ خوتەننىڭ مۇقىملىق ۋە خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە مۇقىملىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، «بىرىكمە مۇشت» نى يەنىمۇ چىڭ ئېتىش ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، چېن چۈەنگو يەنە مىللەتلەر ئارا يۇغۇرۇلۇش مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك. . . دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك» دېگەن.
چېن چۆەنگونىڭ خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ زىچ بولغان ۋە لاگېرغا قامالغان كىشى سانى ئەڭ يۇقىرى بولغان خوتەن ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا بۇ ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەلىم-تەربىيە خىزمىتى»، يەنى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» ياكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» قۇرۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا ئۇنى خەلقئارالىق تېررورلۇقنى ۋە رادىكاللىقنى يوقىتىشتىكى مۇھىم تەجرىبە، دېگەن ئىدى.