خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خۇاۋېي شىركىتى» ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا نازارەت مېخانىزمى ئورنىتىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشماقتا

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېفون شىركىتى بولغان «خۇاۋېي شىركىتى» 2014-يىلىدىن باشلاپ خىتايدىكى 500 دىن ئارتۇق شەھەرنىڭ نازارەت مېخانىزىمىنىڭ تولۇق كونتروللۇقىدىكى «ئەقلىي شەھەر» بولۇشىغا «تۆھپە قوشۇپ كەلگەنلىكى» مەلۇم. نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ بۇ خىل نازارەت مېخانىزمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا كېڭەيتىشى زور دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىدىن ياۋ زىيەن «دىپلومات» ژۇرنىلىدا 7-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 2019-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى نازارەت مېخانىزمى سودىسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرى بۇ خىلدىكى ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىلىرىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت ۋە بىخەتەر مۇھىت يارىتىدىغان قۇرۇلۇشنى «ئەقلىي شەھەر قۇرۇش» دەپ ئاتايدىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل شەھەرلەرنى «بىخەتەر شەھەر» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، دەسلەپتە قاتناش سىستېمىسىنى نازارەت قىلىشتىن تېزلا چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى تەتبىقلاشقا ئۆتكەن. بۇ خىل تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى ئېلىپ كەلگەن قاباھەتنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقى بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئورنىتىلىشى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇلغان قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش سىستېمىلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى دېگەنلەردە روشەن ئەكس ئېتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ «بىخەتەر شەھەر» بىنا قىلىش تەجرىبىسى ھازىر ئەزەربەيجان، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئەرمېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدىكى 800 دىن ئارتۇق كۆزىتىش كامېرالىرى ئارقىلىق «سىياسىي ۋەقەلەرنى سىفىرلىق نازارەت قىلىش» نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تەبىئىي ھالدا نۆۋەتتە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ گ 5 ئالاقە تورىنى خىتاي بانكىلىرىنىڭ قەرز ياردىمى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئاساسلىق تېلېفون سىستېمىلىرىغا سەپلەشكە بىۋاسىتە خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئۆزبېكىستان يەنىلا بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى داۋام قىلدۇرىۋەرگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىگە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىككى مىڭ كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغان. تاجىكىستانمۇ دۈشەنبە شەھىرىنى «بىخەتەر شەھەر» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خۇاۋېي شىركىتى بىلەن 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام ئىمزالىغان. نەتىجىدە بۇ جايدىمۇ 800 دىن ئارتۇق كۆزىتىش كامېراسى ئاممىۋى سورۇنلارنى كۆزىتىشكە ئاجرىتىلغان. خۇددى قازاقىستاندىكىگە ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدىمۇ تاجىكىستاننىڭ ئاساسلىق تېلېفون شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. بۇ ئەھۋال قىرغىزىستاندىمۇ ئوخشاش ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن كېيىن بۇ خىل يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئاندا-ساندا كۆرۈلۈۋاتقان قارشىلىق سادالىرىنى زور دەرىجىدە بېسىپ چۈشۈپ كېڭىيىۋاتقان ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلى مايدا خىتايدىكى بەش چوڭ تېخنىكا شىركىتىگە تېخنىكا ۋە زاپچاس سېتىپ بېرىشنى چەكلىشى بىلەن بۇ دولقۇن بىرئاز پەسكويغا چۈشكەن. ئەمما ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىخەتەر شەھەر» مودېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا شۇنچە كۈچلۈك ئالقىشلىنىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەبنى ئۇلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى» ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرگە باغلايدۇ. ئۇ بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر «تەربىيىلەش مەركىزى» دە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل خادىملاردىن جاڭ جىشېڭنىڭ «بەزىلەر قاتىللىق قىلىشتىن بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ بىر ئادەمنى ئۆلتۈرەلەيدىغان قابىلىيىتى بارلىقىنى نامايىش قىلغان بولسا بىز ئۇنى قاتىللىق قىلغۇچە كۈتۈپ تۇرۇشىمىز لازىممۇ ياكى قاتىللىق يۈز بېرىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىممۇ؟» دېگەنلىكىنى مىسال قىلىدۇ.