ياپونىيىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان سانىنى ئاشۇرۇشى خىتاينى بىئارام قىلدى
2013.04.18
ياپونىيە دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان سېنكاكۇ ئاراللىرىنى نازارەت قىلىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيىنى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئەمما، ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىل ئۈستىدە توختالغاندا، خىتايغا ئائىت ئايروپىلانلارنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يېقىنلىشىش قېتىم سانىنىڭ ئۆرلەپ، ئالدىنقى يىلدىكى 156 قېتىمدىن 306 قېتىمغا چىققانلىقى، ياپونىيىنىڭ بۇ ئايروپىلانلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ياپونىيىنى كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش بۇلتۇر سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇلغىيىپ كەتكەندىن بۇيان، ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلدى. بولۇپمۇ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيىسى ئىنتايىن قاتتىق. ئۇ 2-ئايدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، ياپونىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ھەرقانداق دەخلى-تەرۇزغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادە قىلغان ئىدى.