خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 1-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئېچىلغان «10-نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى» دا خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ بۇ ساھەدىكى «تۆھپىدار» شەخسلىرى تەقدىرلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 11- نۆۋەتلىك «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تالانت ئىگىلىرى» نى كۈتۈۋېلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ «يېڭى ۋەزىپىلىرىنى تونۇشتۇرۇش» مۇھىم مەزمۇن قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «نىشانلىق ياردەم بېرىش» چاقىرىقى بويىچە تەشكىللەنگەن بۇ «ياردەم بېرىش» گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاساسەن خىتاي شىركەتلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن جېجياڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئاقسۇ تەۋەسىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ئاچقان ھەمدە شۇ جايدىكى كىشىلەرنى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئىشلەتكەن. ئەمما خەۋەردە بۇ خىل ئىشچىلارنىڭ قايسى «تەربىيەلەش» تىن ئۆتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىنمىغان. بۇ خىلدىكى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» نىڭ دوختۇرلار تۈركۈمى ھەققىدە سۆز بولغاندا، بۇلاردىن ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىگە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا «يەرلىك تېببىي خادىملارنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم قىلغانلىقى»، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردىكى «دوختۇرلار يېتىشمەسلىك» مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىدا قانداق مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئەمما تېببىي كەسىپنى تاماملىغان شۇنچە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشسىز يۈرگەندە بۇ خىل «دوختۇر كەملىك» نىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىمۇ سۆز بولمىغان.
تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خىل «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» گۇرۇپپىسى ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ «بىۋاسىتە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش» ئارقىلىق شۇ جايدىكى «مائارىپنىڭ گۈللىنىشى» گە ياردەم قىلغان. خەۋەردە بۇ ھەقتە توختىلىپ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى شۇ جايدىكى كىشىلەرنى گۇرۇپپا شەكلىدە تەربىيەلەپ ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش» دېيىلگەن. بۇ ھال يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان لاگېرلاردىكى «كومپارتىيەدىن ۋە خىتاي دۆلىتىدىن مىننەتدار بولۇش تەربىيەسى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەسلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» نىڭ بىر يېڭى ۋەزىپىسى ئۇيغۇر سەبىلىرىنى «خىتاي ئاتا-ئانىلىرى بىلەن دىل رىشتە ئورنىتىش» قا يېتەكلەش بولغانلىقى مەلۇم. خەۋەردە بۇ ھال «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغىرىش خىزمىتى» نىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى، دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭدەك خوتەندىكى مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى «بېيجىڭدا مېنىڭ بىر ئائىلەم بار» دېگەن پروگراممىغا قاتنىشىشقا، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى «ئاتا-ئانىسى بولۇشقا كېلىشكەن» خىتاي ئائىلىسى بىلەن يازلىق تەتىلدە تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن. ئەمما بۇ بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» چاقىرىقى 1950-يىللاردىن بۇيان تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەشتە «جەلپكار چاقىرىق» بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2021-يىلى 5-ئۆكتەبىردىكى باش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمىتىنى «ئۇيغۇرلارنى باي قىلىشتىكى بىر مۇھىم قەدەم» دەپ ماختىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى ئىنكار قىلىپ، بۇ خىلدىكى «نىشانلىق ياردەم بېرىش» تۈرىگە ئاجرىتىلغان مىلياردلارچە بىرلىكتىكى مالىيە خىراجىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك جارى بولۇۋاتقان زاۋۇتلارنى قۇرۇشقا سەرپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.
