رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيە پارلامېنتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى كېلىشىمىنى ئوخشاش ھالدا تەستىقلاشنى قارار قىلدى. قازاقىستان خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى ۋالېنتىن ماتۋىيېنكو بۇ ھەقتە رەسمىي مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇ: «بىز بۇ دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كېلىشىمنى ئوخشاش ھالدا تەستىقلاش ھەققىدە پۈتۈشتۇق» دەپ تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيە رەھبەرلىرى بۇ يىل 29-ماي كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىم 2015-يىلى، 1-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەن.
كاۋكازىيەدىكى ئەرمېنىيە مەزكۇر ئىتتىپاققا ئەزا بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. شۇنداق بولغاندا ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىكى 170 مىليون نوپۇسقا ۋە زور ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە ئىتتىپاققا ئايلىنىدىكەن.
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىلگىرى ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم قۇرۇلغان ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى بەلكى پۇتىننىڭ مەزكۇر غايىسىگە ئاساس بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
نۆۋەتتە، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا قىرغىزىستاننىڭمۇ قىزىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما، ئۆزبېكىستان بولسا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش پوزىتسىيىسى، تۈركمەنىستان بولسا، بىتەرەپلىك سىياسىتى قوللانماقتا.
