ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان 3-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى ئېچىلىش ئالدىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىش خىزمەتلىرى كۈچەيتىلگەن.
خىتايدا چىقىدىغان سەيشىن خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى يەنە يەرمەنكە مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەربىي مەشىقى ئۆتكۈزگەن.
ئۈرۈمچى ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى 2011-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلانغاندىن بۇيان، دائىرىلەر ھەر يىلى ئوخشاش مەزگىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كىرىپ-چىقىش ئېغىزلىرىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش ۋە چارلاشنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە. دائىرىلەر ھەتتا 2012-يىلى ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى ھارپىسىدا، يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان كىشىلەرنى ئۈرۈمچىدىن ھەيدىگەن. ئەينى چاغدا رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەرمەنكىگە تەھدىت دەپ قارالغان كىشىلەر ئۈستىدىن مەخسۇس قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، بۇ كىشىلەرنى يۇرتىغا مەجبۇرىي قوغلىغانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاساسەن كۆچمە نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ساقال قويغان ئەرلەر، چۈمبەل ئارتقان ئاياللار شۇنداقلا يەنە سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدىن داۋا قىلىۋاتقان ئەرزدارلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ھەر يىلى ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى مەزگىلىدىكى مىسلىسىز قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يەرمەنكىگە بارغان چەتئەللىك زىيارەتچىلەر ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. كۆزەتكۈچىلەر بولسا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەر سەۋەبىدىن دائىرىلەرنىڭ يەرمەنكە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نامى ئاستىدا يەنىمۇ قاتتىق تازىلاش، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
