ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ 3 -نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىپادىلەنمىگەنلىكى توردا مۇنازىرە قوزغىدى.
ئەرك ئىسىملىك بىر تورداش «بۇ كۆرگەزمىدە ئەڭ ئەقەللىيسى ئۇيغۇرچە يېزىقمۇ يوق، كۆرگەزمە باشتىن -ئاخىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۆرگەزمىلەردىن پەرقسىز، بۇ جاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىكەنلىكى تامامەن ئۇنتۇلغان» دەپ يازغان. بۇنىڭغا قارشى يەنە بىر خىتاي تور ئەزاسى، كۆرگەزمىگە كىرىش ئىشىكىدە ئىككى خىل تىل يېزىقنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ھەممە ئىشنى مىللىي مەسىلىگە تاقىۋالماسلىق ھەققىدە شىكايەت قىلغان. بۇ شىكايەت ئۇيغۇر تور ئەزالىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە تەنقىدكە ئۇچرىغان.
بۇ تېمىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئىنكاس يازغان بىر خىتاي سەنئەتكار، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىنىڭ توغرىلىقىنى تىلغا ئېلىپ «بۇ يەردە مىللەتچىلىك قىلىنىۋاتقان ئىش يوق، تەلەپ قىلىنىۋاتقىنى ئىنساپ ۋە ئادالەت» دەپ يازغان.
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ چەتكە قېقىلىشى ئۇيغۇر رايونىدا نارازىلىق قوزغاۋاتقان مىڭلارچە مەسىلىلەردىن بىرىدۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارالىق كۆرگەزمىدە، رايوننىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەكس ئەتمەسلىكى، بۇ قېتىمقى بەس-مۇنازىرىنىڭ ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسى بولغان.
