2021-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاياغلىشىشى بىلەن ئامېرىكادىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى 2022-يىلىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى باشلىۋەتكەن.
يەھۇدىي ئىچكى خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركىزى ئامېرىكادىكى «دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئىجرائىيە مۇدىرى سېرىنا ئوبېرشتېين يەھۇدىيلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 1936-يىلى ئولىمپىكقا ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشى بىر – بىرىگە ئوخشاش، دېگەن. ئۇ ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەرنىڭ بۇ مۇسابىقىنى دىپلوماتىيە جەھەتتىن بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغىچە دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا يەھۇدىيلار كومىتېتى قاتارلىق يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن بايقۇت قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا يەھۇدىيلار كومىتېتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى داۋىد خاررىس ئەپەندى سۆزىدە «ئامېرىكا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك، مۇسابىقىگە ھېچقانداق رەسمىي ۋەكىل ئەۋەتمەسلىكى كېرەك» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يەھۇدىيلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت گۇرۇپپىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈنلۈك تەشكىلات بولغان يەھۇدىيلار ئاممىۋى مۇناسىۋەت كېڭىشى 2021-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللاپ چىققاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان ئىكەن. يەھۇدىيلار ئاممىۋى مۇناسىۋەت كېڭىشىنىڭ ئالاقە ئىشلىرى مۇئاۋىن دىرېكتورى تاممى گىلدېن يەھۇدىي ئىچكى خەۋەرلىرى تورىغا قىلغان سۆزىدە «تەشكىلاتىمىز ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئولىمپىكنى پۇرسەت سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈشكە چاقىرىپ كەلدى، بىز ئامېرىكانىڭ كېلەر يىلى بۇ تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
