ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىۋاشتىن ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى يېقىندىن بۇيان ئىزچىل كۆپىيىش ھالىتىدە تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان يېڭى بىمارلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغىماقتا.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 6-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كۆكدالا شەھىرىنى مەركەز قىلغان بىڭتۇەن 4-دېۋىزىيەسىدە يەنە يېڭىدىن ئىككى يۇقۇمدار بايقالغان. بۇلار بىردەك ئالامەتسىز يۇقۇمدارلار بولۇپ، قورغاسقا يېقىن جايدىكى 62-پولك (تۇەن) تا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر ئىكەن. قورغاستىكى قامال قىلىش چارىسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، كۆكدالا شەھىرىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا قامال تەدبىرىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدەك ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرتۈشنى باشلىغان.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى مەسىلىسىدە يالغان سۆزلەپ كېلىۋاتقانلىقى كۆپ قېتىم مەلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا كۆپلىگەن گۇمانلار ۋە تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.
