7- ۋە 8-دېكابىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەر تەۋرىگەن. تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، 7-دېكابىر چارشەنبە كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە 3.1 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىر بولغان. ئەتىسى، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىر بولغان. قۇتۇبى ناھىيىسىدىكى بۇ قاتتىق يەر تەۋرەش ئۈرۈمچى، ئىلى ۋە ئاقسۇدىمۇ ھېس قىلىنغان.
بىراق، يۇقىرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھېچقايسىدا يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان زىيان ياكى ئېلىنغان قۇتقۇزۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىرىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىتايچىسى قۇتۇبىدىكى يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار ھەققىدە تېخى خەۋەر كەلمىدى، دەپ يازغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە خىتايدا يۈز بەرگەن ئاپەتلەر ۋە ۋەقەلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قاتتىق چەكلىمە قويىدىغان بولۇپ، 2008-يىلى سىچۈەندە نۇرغۇن مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچقان يەر تەۋرەش، 2011-يىلىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى ۋە 2015-يىلى تيەنجىندىكى پورتتا چىققان پارتلاشقا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ دېتاللىرى تېخى سىر پېتى تۇرماقتا.