ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسىي شەھەرلىرىدىكى كونىشەھەر رايونلىرىنىڭ چېقىلىشى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە ئىزچىل داۋام قىلغان بولۇپ، 2018-يىلى 4-ئايدا باشلانغان يەركەن ناھىيەسى كوناشەھەر رايونىنى چېقىش قۇرۇلۇشى يېقىندا تولۇق تاماملانغان.
خىتاي باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەركەن كوناشەھەر رايونىدا «ئۆيلەر كونىراپ كەتكەن، كوچىلار تارلىشىپ كەتكەن ۋە ھەممىلا جاينى ئەخلەت بېسىپ كەتكەن» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت كوناشەھەر رايونىنى «ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» نى قارار قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ رايوندىكى سودا ۋە ئولتۇراق رايونى چېقىلىپ، 50 مىڭغا يېقىن ئاھالە يېڭىدىن سېلىنغان بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن. خەۋەردە ئالاھىدە قىلىپ قازانچى كوچىسىدىكى سامسىپەز ئابدۇقاھار ئەنۋەر ۋە يەككە تىجارەتچى خەيرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ قۇرۇلۇشتىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك «مەنپەئەتدار» بولغانلىقى بايان قىلدۇرۇلغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان «غەمخورلۇقى» ئىكەنلىكى ئىشارە قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلار رايونىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەنقىدلىنىپ: «بۇنىڭدىكى ھەقىقىي مەقسەد ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئەسلىتىدىغان بارلىق شەيئىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆچۈرۈش، شۇنداقلا مۇشۇ خىل ۋەيرانچىلىقنى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يەركەن كوناشەھەر رايونى 1514-يىلىدىن تارتىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى جايلاشقان ئورۇن بولۇپ، بىر نەچچە ئەسىرلىك سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇشتەك تارىخقا ئىگە ئىكەن.
