خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4-ئاپرېل دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا «يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ناملىق ھۆججەت قاراپ چىقىلغان. لېكىن، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇ ھۆججەتنى مەزمۇنى توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

ئاتالمىش يۇغۇرما تەرەققىيات پىلانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن بىڭتۈەننى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوقىتىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى دىققەت قوزغىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ تۇتقۇنى باشلانغان 2017-يىلدىن بېرى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ نۇرغۇن يەرلىك كونتروللۇق ھوقۇقلىرىنى بىڭتۈەنگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى مەلۇم.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا يەنە مۇھىت مەسىلىسى، كومپارتىيەنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى» نى داۋاملىق ئىزچىللاش، يۇقۇم ۋەزىيىتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىرىشى، سودا-سانائەت، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، كارخانىلارنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە غەربنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلىشى رايوندىكى خىتاي كارخانىلىرىغا ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتمەك ئىكەن.