«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» دىكى ئاخباراتچىلار ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان

خـىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ يېقىندا يولغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» غەرب دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك تەنقىدلەشكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بىر قىسىم مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلغان.

خەلق تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ مەسئۇللىرىنىڭ تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش كۇرسىنى» تەسىس قىلغان.

بۇ كۇرسقا كەلگەن مۇخبىرلار شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسى ۋە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغان ۋە شۇنداقلا «جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتى ۋە شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە ئاڭلىغان.

خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇخبىرلار ئېلىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئەھۋالىدىن چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.»

خەۋەردە، بۇ مۇخبىرلارنىڭ قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ داڭلىق ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ خەۋەر ئىشلىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بارغانلارنىمۇ تەقىبگە ئېلىپ، خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقاندا بۇنداق بىر قۇرۇق تەشۋىقات تۈسىنى ئالغان كۇرسنى تەشكىللىشى دىققەت قوزغىدى.