خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» دا بېرىلگەن بىر خەۋەردىن قارىغاندا، 15-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنى 3 نەپەر ۋىرۇس يۇقۇمدارىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈشتە بۇ ئۈچ كىشىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغان تىپتىكى يۇقۇمدار ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئايرىم كېسەلخانىدا مەخسۇس كۆزىتىلمەكتە ئىكەن.
بۇ ئۈچ يۇقۇمدار بايقالغاندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت جىددىيلىشىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى 500 مىڭغا يېقىن كىشىنى، جۈملىدىن ئالاتاۋ ئېغىزىدىكى 15 مىڭدەك ئاھالىنى تەكشۈرۈگەن ۋە ئۇلاردىن 186 كىشىنى گۇمانلىق دەپ قاراپ قايتا تەكشۈرمەكچى بولغان.
كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئىچكىرى خىتاينىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدىمۇ قايتا پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلانماي كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىن تارقالغان بۇ ۋىرۇس ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە 4 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، دۇنيا ئىقتىسادىنى زور كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئىشىغا ماسلاشماي كېلىۋاتقان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىنى «ئىلمىيلىكى يوق سىياسىي تەلەپ» يەنە رەت قىلغان.
