يېڭى زېلاندىيە خەۋپسىزلىك ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى (NZSIS) يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ «مۇرەككەپ جاسۇسلۇق» قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيە خەۋپسىزلىك ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى 3-سېنتەبىر كۈنى جاسۇسلۇق تەھدىتى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئالدامچىلىق تاكتىكىسى» ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بولۇپمۇ ئۇلار خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقىۋاتقانلىقىنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرگەن.
ئۇلار دوكلاتىدا، بېيجىڭنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە بىر قىسىم تەشكىلاتلار ئارقىلىق يەرلىك گۇرۇپپىلارغا سىڭىپ كىرىپ، جامائەت پىكرىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە مايىل تەرەپكە ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىكى بىر كۆرۈنەرلىك بىر مىسال يېڭى زېلاندىيەدىكى خىتايچە ئاخبارات ئورگانلىرى ئىكەن.
دوكلاتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «بۇ خىل ئورگانلار قارىماققا خۇسۇسىي، پۇقراۋى ئورۇنلاردەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تەۋەلىكى، يۆنىلىشى ۋە مەبلەغ مەنبەسى يوشۇرۇن» .
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىسمىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىنىپ تەنقىد قىلىنىشى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى بۇرۇلۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. يېقىندا سايلىنىپ چىققان مۆتىدىل ئوڭ قانات ھۆكۈمەت يېڭى زېلاندىيەنىڭ غەربتىكى ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قايتىدىن كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ۋە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتمەكتە. بولۇپمۇ 3-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى ئاندىرى كۇمو (Andrew Cuomo) ۋە نۆۋەتتىكى ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن لىندا سۇن ئىسىملىك خىتاي ئايالنىڭ جاسۇس گۇماندارى بولۇپ تۇتۇلۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىنىڭ يارقىن مىسالى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مۇللىنىر بۇ ھەقتە «دۆلەت خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشتات ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.
