«زىمىستان» تورى: «لاگېردىكى مۇسۇلمان تۇتقۇنلار ھەقسىز مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا»

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك تورى 9‏-يانۋار دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇلار ئېرىشكەن ھەر خىل دەلىللەر خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدىكى مۇسۇلمان تۇتقۇنلارنى ھەقسىز مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش» تۈزۈمى بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر رايونى بۇ تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن زور پايدىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. «زىمىستان» تورىنىڭ مۇخبىرلىرى ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان ۋە ھازىر زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بەزى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلغان.

«زىمىستان» تورىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە بىر قىسىم چەتئەللىك مۇخبىرلارنى تەشكىللەپ، قەشقەر، خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيەسىدىكى 3 «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ «رادىكاللىققا قارشى تەلىم ئېلىۋاتقانلىقى» ۋە «كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئەنگلىيەنىڭ «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرى خوتەندە تۇتقۇنلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بىر خىتاي كىيىم-كېچەك كارخانىسىنى پاش قىلغان ئىدى. «تەيدا» ناملىق بۇ كارخانىدىن تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلغان بىر ئامېرىكا شىركىتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇ شىركەتنىڭ تەنتەربىيە كىيىملىرىنى سېتىشنى بايقۇت قىلغان ئىدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، مەلىكە ئىسىملىك بىر چۆچەكلىك ئايال يولدىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، 6 ئاي لاگېرغا قامالغانلىقى، ئاندىن 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، لاگېردا ناۋايلىققا سېلىنىۋاتقانلىقى، قالغان تۇتقۇنلارنىڭ پايپاق زاۋۇتىدا ھەقسىز ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «زىمىستان» تورىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا لاگېرنىڭ شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى، 46 كۋادرات مېتىرلىق بىر كامىرىدا 17-18 ئادەم ياتىدىغانلىقىنى، يولدىشىنىڭ ھەقسىز ئىشلىگەندىن سىرت ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئۆگىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئەگەر ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى قوللىمىسا ۋە ھۆكۈمەتكە پايدىسىز گەپلەرنى قىلسا، ئۇلارنىڭ (لاگېردىكى) ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «تۇتقۇنلارنى ئۇزۇن مەزگىل ھەقسىز ئەمگەككە سېلىشتەك بۇ خىل سىستېما ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەممە جايلىرىغا كېڭەيمەكتە،» ئىكەن.