100 تۈرك ئادۋوكات ب د ت غا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرلەشمە ئەرزنامە سۇنماقچى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىكى ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا 100 ئادۋوكات نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بىرلەشمە ئەرزنامە تەييارلىغان.

بىز مەزكۇر ئەرزنامە توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ئەنقەرە ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ بىرلەشمە ئەرزنامىنى ب د ت غا سۇنۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيەدە كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مۇخبىرلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. لېكىن بىز بۇ ھەقتە قانۇنىي جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. بۇنىڭدا خەلقئارا قانۇن يوللىرىدىن توغرا پايدىلىنىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانۇنىي كۈرەش يولىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئەرزنامە تەييارلىدۇق، بۇنى ئەمدى ب د ت غا سۇنماقچىمىز.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت ياكى شەخسلەر ئەرز سۇنسا بولىدىكەن، يەنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرگەن ياكى قولىدا بۇ ھەقتە ئىسپاتى بار بولغان كىشىلەر ياكى گۇرۇھلار ئەرز ئىلتىماسى سۇنالايدىكەن. تۈركىيەدىكى 100 ئادۋوكات ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىلىدىغان بىر گۇرۇھ مەزكۇر ئەرزنامىنى تەييارلاپ چىققان. ئادۋوكات فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندى ب د ت غا سۇنۇش ئۈچۈن 100 تۈرك ئادۋوكات قول قويغان ئەرزنامىگە كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلات ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى ئىسپات سۈپىتىدە قوشۇپ ئەۋەتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ب د ت غا سۇنماقچى بولۇۋاتقان ئەرز ئىلتىماسىمىزنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى تەييارلاندى. ئونلىغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى ئىسپات سۈپىتىدە بىرلىكتە سۇنىمىز. خىتاينىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بىز تۈرك ئادۋوكاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قاراپ تۇرالمايمىز. خەلقئارا قانۇنغا تايىنىپ تۇرۇپ بۇنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەيمىز.»

د ئۇ ق ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرزنامە سۇنۇپ كەلمەكتە. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك توختامنامىلارغا قول قويغان بولغاچقا، د ئۇ ق نىڭ ئەرىزنامىلىرىگە ب د ت دا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، 100 تۈرك ئادۋوكات تەييارلىغان بىرلەشمە ئەرىزنامىنىڭ ئۈنۈمى بولامدۇ؟ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 100 تۈرك ئادۋوكات بەرگەن بۇ بىرلەشمە ئەرزنامىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيلىققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇپ، ب د ت دىكى نۇرغۇن مەسىلىلەردە جاۋابكارلىقى بار. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت غا ھەرقانداق تەشكىلات، شەخس ۋە گۇرۇھلار ئەرز قىلسا بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى ماختاپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغاچقا تۈرك ئادۋوكلاتلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ژۇرنالىستلار، پائالىيەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق كۆپ ساندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ تۇنجى قېتىم بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ 1960-يىللاردىن تارتىپ ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما كېيىنكى يىللاردا بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىدا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بارغانسېرى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.