«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى 22-سېنتەبىر 2020-يىللىق «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» نى ئېلان قىلدى. ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
بۇ يىللىق «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» تىزىملىكىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكادىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوۋ بايدىن، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ بار ئىكەن.
«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە باش مۇھەررىرى ئېدۋارد فېلسېنتال «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» تىزىملىكى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ يىلقى تىزىملىك بىزنىڭ ئالتە ئاي ئىلگىرى پەرەز قىلغىنىمىزدىن كۆپ پەرقلىق بولدى. ‹دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس› تىزىملىكى ئەزەلدىن دۇنيانىڭ ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئەينىكى بولۇپ كەلگەن. بۇ يىلقى تىزىملىكتە ھەر خىل كىشىلەرنى كۆرەلەيسىز. دۆلەت باشلىقلىرى، كۆڭۈڭ ئىچىش ساھەسىدىكىلەر، ھەتتا ھېچ تونۇلمىغان شەخسلەرنىمۇ ئۇچىرىتىسىز. ئۇلار ئىنسان ھاياتىنى قۇتقۇزۇش، دۇنيانىڭ ھەر خىل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا پەۋقۇلئاددە كۈچ چىقارغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ھەر بىرىمىزنى ئىمكانىيەتىمىزنىڭ يېتىشىچە، تېخىمۇ ئادىل، گۈزەل تىنچ تەرەققىي قىلغان دۇنيا بەرپا قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۈندەيدۇ.»
«دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىكى ھېسسىياتىم ناھايىتى مۇرەككەپ. خەلقىمنىڭ ئازابلىق، ئېچىنىشلىق ھاياتىنى ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىپ، ‹يۈز تەسىرى زور شەخس› ئىنىڭ بىرى بولۇپتىمەن. ئەگەر ۋەتېنىم تىنچ-ئامان بولغان بولسا، خەلقىم ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشىيالىغان بولسا، ماڭا بۇ ئاتاقنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق ئىدى.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق تاللىنىش پەقەت نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرىپى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ، شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ خەلقئارادا سالاھىيەت قازىنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»
«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى ئۆزىنىڭ باش بېتىدە «‹دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس› نى قانداق تاللايمىز» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ تىزىملىكتە دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە يەرلىك سىياسىي پائالىيەتچىلەر، سەنئەتچىلەر ۋە تەنھەرىكەتچىلەر، ئالىملار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە ھەتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان شەخسلەرمۇ بار. ئۇلار ھەر خىل ئۇسۇلدا دۇنيادىكى كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغانلار، يېڭى رېكوردلارنى ياراتقانلار، قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلەردۇر. يەنى ئۇلار ئىزدىگۈچىلەر، ئۆزگىرىشتىن ۋە ئۆزگەرتىشتىن قورقمايدىغانلاردۇر.»
نۇرى تۈركەل ئەپەندى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ھەم ئىجابىي ھەم سەلبىي شەخسلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكتە بولۇشى دۇنيانىڭ ئۇلارنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بولماستىن، بەلكى ئىنسانلارغا ھەر ئىككى تەرەپتىن «دەرس» بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىسىمىنىڭ تىزىملىككە كىرىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە سىياسىي پائاليەتچىلىرىنىڭ بۇ تىزىملىكتىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك جايلىرىنى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىياسىي ھەرىكەتتە ئوخشىمىغان پىكىر، ئوخشىمىغان مەيدان تۇتۇدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك، كەسىپلەشكەن، توغرا يولنى تاللاش بەك مۇھىم. مۇشۇ ‹دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز كىشى› تىزىملىكىدىن قانداق يول بىلەن سىياسىي ھەرىكەت ئىلىپ بارغاندا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەشكىلاتلىرىمىز، پائالىيەتچىلىرىمىز قايتا ئويلىنىدۇ، دەپ قارايمەن.»
«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى «‹دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس› نى قانداق تاللايمىز» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تىزىملىكتىكى ھەر يىلى تاللاپ چىقىلىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر بىرى دۇنياغا ئۆزىگە خاس بىر دەرس بېرىدۇ. بىزنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما ئۇلار كۆرسەتكەن تەسىر بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.»
«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تۇنجى قېتىم 1923-يىلى 3-مارت نيۇ-يورك شەھىرىدە نەشر قىلىنغان. 2004-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى شۇ يىللىق «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» نى باھالاپ چىقىپ، ئېلان قىلىشقا باشلىغان. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ تىزىملىككە كىرگەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ ھېسىابلىنىدىكەن.
0:00 / 0:00