2009-يىلى 26-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان «قانلىق شاۋگۈەن ۋەقەسى» يۈز بەرگەن كۈن. 11 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئۇيغۇر تارىخ بېتىدىكى يەنە بىر ئاچچىق سەھىپىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شياۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 800 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشچى كېچىلىك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقاندا، زاۋۇتتىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچىنىڭ رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى. نەق مەيدان ۋىدىيو كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئاشۇ زاۋۇتتىكى تاياق يېگەن ئىشچىلارنىڭ ھەم ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى پالتا، پىچاق ۋە تۆمۈر كالتەكلەر بىلەن قوراللانغان 10 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچى ئۇيغۇرلارنى خۇددى چاشقانلارنى «ئۇر-ئۇر» قىلغاندەك قوغلاپ تۇرۇپ ئۇرغان، ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەن. شۇ چاغدا تارقالغان كۆرۈنۈشلەردە زاۋۇت قوراسىنىڭ قانغا بويالغانلىقى كۆرۈلگەن. شياۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، رادىئومىز مۇخبىرلىرى شياۋگۇەندىكى ھۇجۇمدىن قېچىپ يوشۇرۇنۇپ ساق قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئالاقە باغلىغاندا ئۇلار ئۆزلىرى شاھىت بولغان ئۇ دەھشەتلىك مىنۇتلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇلار سۆزىدە كېچىدە ياتاقلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۆمۈر توقماقلار ۋە تاياقلار بىلەن ئۇرۇپ-قوغلاپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇيغۇر قىز-ئايال ئىشچىلارنىمۇ ئاياپ قويمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ دىققەت قوزغايدىغىنى، ئۇلار بۇ ھۇجۇم ئاشۇنداق دەھشەت بىلەن سەھەر سائەت 4 كىچە داۋام قىلسىمۇ، شۇ چاغقىچە بىرەر ساقچى كەلمىگەنلىكى ياكى ئۇلارنى بىرەرسىنىڭ توسۇپ قالمىغانلىقىنى شۇ سەۋەبلىك ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئېيتقان.
شۇ چاغدا مەزكۇر قانلىق ۋەقەنىڭ جەريانلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغانىدى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى، ئەينى چاغدا زاۋۇتنىڭ ياتاق بىنالىرىدىن بۇ قانلىق مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتقان خىتايلار ئۇيغۇرلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى خۇددى بىر غەلىبىنى قۇتلىغاندەك تور بەتلەردە كەڭ تارقاتقان. ھەتتا بىر قىسىم ۋىدىيولاردا بۇ قانلىق زوراۋانلىقنى تاماشا قىلغاچ ۋىدىيوغا تارتىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان خىتايلارغا ۋارقىراپ تۇرۇپ «ئاۋۇ يەردە بىر ئۇيغۇر بار، ئەنە ئاۋۇ يەرگە بىرى يوشۇرۇنۇۋالدى» دەۋاتقان ئاۋازلىرىمۇ بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋىدىيولارنىڭ خىتايدىكى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشى مەزكۇر قانلىق ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە شىددىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەنىدى. ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قانلىق ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ كارتىنكىسى بولغان بۇ كۆرۈنۈشلەر ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن.
ئەمما ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق غەزەپلەندۈرگىنى، ۋەقە بولۇپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمغا قاتناشقان بىرمۇ كىشىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى، ھەتتا ئۇنى بىر خىتاي ئىشچى «زاۇۋتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار بىر خىتاي قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقتىن كېلىپ چىققان جېدەل-ماجىرا» دەپ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرىماقچى بولۇشى ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ چاغدا ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ پەرقلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. بىر قىسىم شاھىتلار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 40-50 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، خىتايدىكى سىنا، تېڭشۈن، بوشۈن قاتارلىق خىتايچە تور بەتلىرى 12 نەپەرنىڭ ئۇيغۇر ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا رەسمىي بايانىدا ۋەقەدە ھەر ئىككىلىسى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيەسىدىن كەلگەن ھاشىمجان ئەمەت ۋە سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 80 نەپەردەك ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مانا مۇشۇنىڭدەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى ۋە بىرمۇ خىتاينى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىپ، زور جامائەت پىكرى ھاسىل قىلغان، نەتىجىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان چاقىرىقلارغا ئاساسەن، 5-ئىيۇل كۈنى مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى تىنچلىق بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ كوچىلارغا چىققانىدى.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ئەينى ۋاقىتتىكى كەيپىياتنى سۈرەتلەپ، شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭسىز سىياسەتلىرىدىن قاتتىق نارازى بولسىمۇ، ئۈنىنى چىقىرالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يەنىمۇ ئېغىر روھىي زەربە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كەيپىياتنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغانلىقىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت يەنە بىر قانلىق ۋەقەگە يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «بۇ شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسىنى باشقا ۋەقەلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكىدۇر» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ۋەقە ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولغىنى يوق. بۇ يەردە ئېنىق بولغىنى، ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىن كۆپ يۇقىرى بولۇشىدۇر. شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ مۇھىم تەرىپى بولسا، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىبارەت يەنە بىر ۋەقەگە يول ئاچقان»
دەرۋەقە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر شاۋگۈەن ۋەقەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇيغۇر ياشلارنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ پاجىئەلىك نەتىجىسى ۋە شۇنداقلا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئوت پىلتىسى، دەپ ئاتايدۇ. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ يۇقىرىدىكى كۆز قاراشتا. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «شاۋگۈۋەن قانلىق ۋەقەسىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى بويىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي ئاپىرىلغان ياشلار ئىدى. بۇ ۋەقە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسى، بولدى» دەيدۇ.
2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان. ھالبۇكى، 5-ئىيۇل كۈنىدىكى تىنچلىق نامايىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى. يەنە يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى، غايىب قىلىندى.
گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق زىيالىي ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا بۇ نامايىشنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ نامايىش ئارقىلىق دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، زوراۋان، رادىكال دەپ جاكارلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇشۇ جەھەتتىن قارىغاندا خىتاي ھاكىمىيىتىنى پۇختا پىلان بىلەن ھەرىكەت قىلغان، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاسىيا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈلگەن پىلاننى ئېلان قىلغان، پىلان ئەينى چاغدا نۇرغۇن خىتاي زىيالىيلىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى كۆرمەسكە سېلىپ يەنىلا جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى داۋام قىلىپ، مانا بۈگۈنكىدەك، 3 مىليونغا يېقىن كىشىنى لاگېرلارغا قامايدىغان ھالغا يېتىپ كەلگەن.
چەتئەللەردىكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خۇددى ئاسىيە خانىمغا ئوخشاش شاۋگۈەن ۋەقەسىگە نارازىلىق يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى رەسمىي يوسۇندا ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، جۈملىدىن بۈگۈنكى سىياسەتلەر ئۈچۈن ئاساس سېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليوندەك ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىدى، رايوندا يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ساقچى دۆلىتى سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەيدىغان يېتىمخانىلارغا يىغىۋالدى. تېخى ئالدىنقى كۈنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇغۇت چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى زور دەرىجىدە كېمەيتكەنلىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ پاكىتلىرى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلاندى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى قىسقىسى «شاۋگۈەن ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقى ئىسپاتلىنىپ بولغان، دېدى. ئۇ سۆزىدە «شاۋگۇەن ۋەقەسىدە بىرىنچىدىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا قىلچىلىكمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى ئايدىڭ بولدى، ئىككىنچىدىن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بارلىق قىرلىرىنى كونترول قىلىۋالغان بۈگۈنكىدەك زەنجىرسىمان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى ئىدى» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان «شاۋگۇەن ۋەقەسى» ئۆزىدىكى سىرلار، ئاشكارىلانمىغان ئۆلۈم-يېتىملەر، باستۇرۇلغان نالە-پەريادلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئاچچىق سەھىپىلىرىگە كۆمۈلدى. يۇقىرىدىكى تەتقىقاتچىلار «ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زىيانكەشلىكنىڭ ھېسابىنى سوراش نۆۋىتى ئەمدى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادالەتلىك ھۆكۈم چىقىرىشىدا قالدى!» دەيدۇ. ئۇلار «خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقئارالىق قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ئىنتايىن روشەنلەشكەن بىر شارائىتتا بىز چاقىرىقىمىزنى خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتىمىز. ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي يەنە نېمە قىلىشى كېرەك، خەلقئارا جەمئىيەت قاچان ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ؟!» دېدى.
0:00 / 0:00