بىشكەكتە ئۆتكەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى كۈرەش ئاساسىي مەسىلە بولۇپ قارالدى

0:00 / 0:00

14-ئىيۇندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى.

رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭغا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، بېلارۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان، موڭغۇلىيە، خىتاي، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق 12 مەملىكەت پرېزىدېنتلىرى ۋە باش مىنىستىرلىرى قاتناشقان. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە ئۇچرىشىشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقىمۇ خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان. ئۇچرىشىش داۋامىدا ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكەن تەشكىلات يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان قارارلارنى ھەمدە تەشكىلاتنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىشكەكتىكى ئۇچرىشىشىدا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تەن-تەربىيە ۋە تەنھەرىكەت، ساقلىقنى ساقلاش ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىش، يول خەرىتىسىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق 20 دىن ئوشۇق ھۆججەت ئىمزالانغان.

قىرغىزىستاننىڭ «ئېلگېزىت» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى تاماملاندى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچرىشىش داۋامىدا بولۇپمۇ رايون مىقياسىدىكى بىخەتەرلىك، شۇ جۈملىدىن ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت، شۇنداقلا ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش، تەشكىلات قانۇنلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە تەشكىلات ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ پائالىيىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش تەكلىپلىرىمۇ كېلىپ چۈشكەن.

تاجىكىستاننىڭ «ئاسىيا پليۇس» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «بىشكەك ئۇچرىشىشى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى لىدېرلىرى نېمە بىلدۈردى؟» دېگەن ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنى ئويلاندۇرغان ۋە تەشۋىشلەندۈرگەن مەسىلىلەر بويىچە پىكىر-تەكلىپلەر بەرگەن. شۇ جۈملىدىن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمومالى راخمون نامراتلىققا قارشى بىرلىشىپ كۈرەش قىلىشنى تەكلىپ قىلسا، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو كەڭ دائىرىلىك قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشەببۇسىنى كۆتۈرگەن. خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ھەمكارلىشىپ كۈرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىغا يول قويماسلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىشكەكتىكى ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك «ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى بۆلۈمى بىر قاتار ئانالىزچىلارنىڭ قاراشلىرىنى ئېلان قىلغان. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى غەربكە قارشى تۇرۇش مەيدانى سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا تىرىشماقتىكەن. يەنە بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كېلەچىكىدىن زور ئۈمىدلەر كۈتۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پاكىستانلىق سىياسەتشۇناس زامىر ئەھمەد ئاۋان خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەزا مەملىكەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي تەرەپكە يان باسقان. تاشقى سىياسەت بويىچە مۇتەخەسسىس، ھىندىستانلىق دىپلومات پخۇنچوك ستوبدان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاي ۋە رۇسىيە باشقۇرغانلىقتىن، قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە غەربكە قارشى قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتنى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىش مەقسىتىنى قويغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەمدى مەركىزىي ئاسىيا بويىچە كۆزەتكۈچى بريۇس پاننىيېر زۆرۈر بولغان ۋاقىتتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ غەربكە قارشى بىر پۈتۈن پوزىتسىيەنى ئىگىلەش مۇمكىنلىكىنى، ھازىرغىچە تەشكىلات ئەزالىرى ئارىسىدا بىرلىك سەپنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىشكەك ئۇچرىشىشى قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، ئۇيغۇر، تاتار ئوخشاش تۈركىي خەلقلەر ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى كۈرەش مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستانلىق ئانالىزچى ئادىل تۇردىقۇلوفنىڭ پىكرىچە، رۇسىيە ھەم خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، يەنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك، ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم خىتاي، ھەم رۇسىيە ۋە باشقىمۇ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەزا بولغان مەزكۇر تەشكىلات بۇ رايون ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بىرىنچى نۆۋەتتە، بۇ يەردە رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتلەر خىتاي بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىنى ئېنىقلاش ۋە بەلگىلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلالىدى. ئەمما شۇ نەرسىنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، بىشكەكتە ئۆتكەن يىغىندا قارالغان مەسىلىلەر ئىچىدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى، يەنى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن كۈرەش مەسىلىسى، شۇنداقلا رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان سودا ئېمبارگوسى باش مەسىلىلەر بولۇپ ھېسابلاندى. تەشكىلات ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، ئەپسۇسكى، ئىككىنچى پىلانغا قالدۇرۇلدى. شۇنىڭ ئىچىدە تەشكىلات بانكىنى راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسى بۇ قېتىم ھەتتا ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، رۇسىيە ۋە خىتاي ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسىلىسى باش مەسىلە سۈپىتىدە قارالغان. قالغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر پەقەت مەملىكەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك ئۇچرىشىشلىرىدىلا قارالغان.»

ئادىل تۇردىقۇلوفنىڭ پىكرىچە، تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي يادروسى بولغان خىتاي ۋە رۇسىيە ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تەشكىلات دائىرىسىدە ئەمەس، بەلكى ھەر قايسى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن ئايرىم مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. مەسىلەن، «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول» لايىھىسى تەشكىلات دائىرىسىدە ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپلىمىلىك ئاساستا مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئادىل تۇردىقۇلوف يەنە مۇنداق دېدى: «‹ئۈچ خىل كۈچ›كە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى باشتىلا خىتاينىڭ بىرىنچى مەقسىتى بولۇپ كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تەيۋەن، تىبەت ۋە شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاينىڭ ئاجرالماس بىر بۆلىكى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىكنى ساقلاپ قېلىش بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۈچۈن مۇھىم، دەپ ئويلايمەن. يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن جىددىي مەسىلىلەرنى بىرى بولۇپ قالماقتا.»

خەلقئارادا خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پەيتتە قازاقىستان بۇنىڭغا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەنى ئىگىلىدى؟

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «قازاقىستان سودا ئۇرۇشىغا نىسبەتەن قارشى پوزىتسىيەدە. چۈنكى بىزنىڭ ئەلبېشى ئامېرىكا ۋە خىتاي سودا، ئىقتىساد مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. سودا ئۇرۇشىدىن قازاقىستانمۇ زىيان تارتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا كۆز قاراشلار، ئاخباراتلار تارقالمىدى.»

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە بىشكەكتە ئۆتكەن ئۇچرىشىش داۋامىدا كۆپلىگەن مەسىلىلەر قارالغان بولسىمۇ، ئەمما «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇش مەركىزىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭ رەسمىي دوكلات قىلدى. ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى كۈرەش دېگىنى بۇ 2000-يىللارنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تاڭغان نەرسىسى. بۇ يىغىن يېپىق ئىشىكتە بولغانلىقتىن، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە باشقا خەۋەرلەر بولمىدى. لېكىن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭغا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ قارشى پىكىر قىلمىغانلىقىدىن دەلىل بېرىدۇ. بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال.»

ئىگىلىشىمىزچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ، 2001-يىلى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان لىدېرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. كېيىنكى يىللاردا تەشكىلاتقا شۇنداقلا ھىندىستان ۋە پاكىستان قوبۇل قىلىندى. بىشكەكتە ئۆتكەن نۆۋەتتىكى تەشكىلات يىغىنىغا ئافغانىستان، بېلارۇسىيە، ئىران ۋە موڭغۇلىيە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر سۈپىتىدە قاتناشقان. تەشكىلاتنىڭ كېيىنكى يىغىنى 2020-يىلى ئىيۇل ئېيىدا رۇسىيەدە ئۆتمەكچى.