1989-يىلى ئەتىيازدىن تاكى 4-ئىيۇنغا قەدەر خىتايدىكى نەچچە يۈز مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردە ئۇدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، 4-ئىيۇن كېچىسى خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ، تىيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى تانكىلار بىلەن قانلىق باستۇردى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇنلىرىنى تۇتقۇن قىلدى. نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەن ئىدى.
بۇ يىل «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» غا 30 يىل تولغان خاتىرە يىلىدۇر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 4-ئىيۇن «كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى ئەسلەش فوندى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا ھاياتىدىن ئايرىلغان كومۇنىزىم قۇربانلىرىنى ئەسلەپ بىر مەيدان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق نامايىشقا 1989-يىلىدىكى «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىدىن كىرىس سىمىت ۋە جېيمىس مەكگوۋرىن قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.
نامايىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كىرىس سىمىت سۆز قىلىپ، «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا قۇربان بولغانلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ ھامان بىر كۈنى چوقۇم دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىيەنئەنمېن قۇربانلىرىغا قاراپ ئەركىنلىكنىڭ ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىدە يەنە شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن خىتاي جەمئىيىتىدە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ چېكىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، بۇددىستلار، خرىستىيانلار، فالۇنگۇڭچىلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەمدە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
نامايىش جەريانىدا 1989-يىلىدىكى «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» باشلىنىش ئالدىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تانكىلىرى تىيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇغان ۋە شۇ ۋاقىتتا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان «تانكا ئادەم» نىڭ ھەيكىلى تىكلىنىپ، نامايىشچىلار ئالدىدا يوپۇقى ئېچىلدى.
نامايىش داۋامىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋرىن سۆز ئېلىپ، «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۆز خەلقىنى باستۇرغانلىقىدەك تارىخىي جىنايەتنىڭ ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ غەزەپلەندۈرىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغانلار، پەرزەنتلىرىنى يوقاتقان قەھرىمان ئانىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر نامايىشتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغان ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە بولغان ئەھمىيىتى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 3-ماي كۈنى «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30-يىللىق خاتىرىسىدە» سەرلەۋھىلىك بىر بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.
مايك پومپېيو باياناتىدا يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ نۇقتىلىق تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنۇلارنى ئېيتىپ ئۆتكەن: «بۈگۈن خىتاي پۇقرالىرى باستۇرۇلۇشنىڭ يېڭى دولقۇنىغا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسىنى يوقىتىش غەرىزىدە بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق يەرلىك مۇسۇلمانلار لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچلۈك ‹تەقىب دۆلىتى› سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇقرالىرى يەنىلا كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنى، مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشنى، قانۇن ئارقىلىق ئادالەتنى ھېس قىلىشنى شۇنداقلا ئۆز قاراشلىرىنى ئەركىن ئىپادە قىلىشنى ئىستەيدۇ. گەرچە خىتايدا بۇ ئىستەكلەر ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جازالانغان، تۈرمىگە قامالغان، ھەتتا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان بولسىمۇ.»
مايك پومپېيو باياناتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «‹تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى› دا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ھازىرغىچە نامەلۇم. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە تولۇق سانلىق مەلۇمات بېرىشكە ۋە شۇ دەۋردىكى قۇربانلارنىڭ روھىنى تەسكىن تاپقۇزۇشقا چاقىرىق قىلىمىز. بىز يەنە خىتاينى ئۆزىنىڭ نورمال ھەق-ھوقوقى ۋە ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزۈشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە، زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى توختىتىشقا شۇنداقلا دىنىي ۋە سىياسىي ئىدىيەلەرنى تېررورلۇق نامى بىلەن كۆپتۈرمەسلىككە دەۋەت قىلىمىز. خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ‹بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ› دەپ بەلگىلەنگەن. تارىخ شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغان، قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلغان ھەمدە پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرگەن دۆلەتلەرلا كۈچلۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىغان.»
0:00 / 0:00
