دولقۇن ئەيسا: « ‹5-ئاپرىل بارىن ۋەقەسى› نى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەش قارار قىلىندى»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.04.02
dolqun-eysa-2024 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 2024-يىلىنى كۈتۈۋېلىش نۇتۇقى سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 31-دېكابىر، ميۇنخېن
duq.tv

30-مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر دەۋاسىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە «5-ئاپرىل بارىن ۋەقەسى» نى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

توردا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىكى ئەزالىرى، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللاۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ 80 كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بارىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ۋە 4-ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە بولدى. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى قەشقەر ئاقتۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق بارىن يېزىسىدا بىر قىسىم ياشلار خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت نامىدا ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قوزغالغاندا، قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ، 5-ئاپرېل كۈنىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى» نى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ دائىرىدە خاتىرىلەشنى چاقىرىق قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر چاقىرىق توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 5-ئاپرېلدا بارىن ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە 34 يىل بولىدۇ. بارىن ۋەقەسى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابىدىكى دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقە. شۇڭا ھەر يىلى بۇ كۈننى ئوخشىمىغان شەكىلدە خاتىرىلەپ، شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا بۇ قېتىم چاقىرغان يىغىنىمىزنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى بارىن ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقىنى قانداق خاتىرىلەش مەسىلىسى بولدى. بۇ يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى قارار قىلىندى».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا رادىيومىزغا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «رامىزان ئېيى بولۇشىغا قارىماي، گېرمانىيەدە، ياپونىيەدە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ۋە ئامېرىكادا نامايىشلار بولماقچى. بەزى دۆلەتلەردە ئىپتاردا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىدۇ. تۈركىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ شېھىتلىرىمىزنى خاتىرىلەش، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى بولماقچى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھاممەدى ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قېتىمقى يىغىندا، 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاساس قىلغان مۇھاكىمە يىغىنى»، 16-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت ۋە ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بەزى پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇھىم قارارلارنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.