«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ھەققىدە ئەسلىمىلەر (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.02.02
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ھەققىدە ئەسلىمىلەر (1) ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا. 2017-يىلى 8-فېۋرال، بېلگىيە.
Photo: RFA

زۇبەيرە شەمسىدىن: 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىكى باستۇرۇش ۋە ئائىلىمىزنىڭ پاجىئەسى

1997-يىلى 2‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان مەشرەپ ئەزالىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، بۇ نامايىش خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 1997-يىلى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتقۇن ھەم باستۇرۇشلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كەلتۈرگەن پاجىئەلىك قىسمىتى ۋە بۇنىڭ ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئاڭلاتتى.

زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە نامايىشتىن كېيىنمۇ ئۇزۇن بىر مەزگىل غۇلجا شەھىرىدە زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. زۇبەيرە شەمسىدىنمۇ ئىككى ئىنىسى ۋە نەۋرە ئىنىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك پاجىئەگە ئۇچرىغان

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5-فېرالدىن كېيىن غۇلجىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش قىلمىشلىرى ۋە تۇتقۇنلىرى بىر يىلچە داۋاملاشقان. ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇراززاق شەمسىدىن، 1998-يىلى غۇلجىدا قولغا ئېلىنىپ 1999-يىلى سىياسىي جىنايەت ئارتىلىپ مۇددەتسىز كېسىلگەن. ئۇ، ھازىر ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىدە قاماقلىق ئىكەن. يەنە بىر ئىنىسى سەدىردىن شەمسىدىن، 98-يىلى 6-ئايدا سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى ھەممات مۇھاممەت 1998-يىلى، 4-ئاينىڭ 18-كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوراللىق باستۇرغان توقۇنۇشتا شېھىت بولغانىكەن.

زۇبەيرە خانىم يەنە، 1997‏-يىلىدىكى «غۇلجا ۋەقەسى» خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە «شۇنىڭدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى نامايىشلىرىنى چېكىدىن ئاشقان كۈچ بىلەن باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ( ئاۋاز)

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ 1997-يىلدىكى «غۇلجا ۋەقەسى» گە قايتۇرغان تىنچلىق نامايىشنى قانلىق باستۇرۇشتەك بۇ خىل ئىنكاسى نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ، دۇنيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي نىيىتىنى چۈشىنىشتە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلمەكتىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.