ئانالىزچىلار: «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ نۇقتىسىدۇر (2)

0:00 / 0:00

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىرادىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان چوڭ ۋەقە بولۇپ، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بېرى كەڭ-كۆلەملىك ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە بۇ جىنايەتنىڭ داۋاملىشىش سەۋەبىنى ئاشۇ ۋەقەگە باغلاشقا بولىدىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسى «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلانغان سۈيىقەست بولسۇن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن پاجىئە بولسۇن، ئومۇمەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىنى تۈزگەن. ۋاڭ لېچۈەننى ئىشتىن بوشىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نىسبەتەن «ئىسلاھاتچى ۋە يېڭىلىقچى» جاڭ چۈنشىيەننى قويۇپ، بىر نەچچە يىل بىخۇتلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇپ تەييارلىقلارنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2016-يىلى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگونى يۆتكەپ كېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلق سىياسىتىنى رەسمىي ئىجرا قىلىشنى باشلىغان.

ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئېچىلىشىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ مىللەت-دىن ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە «ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكال ئىسلام ئەقىدىسىنى، كىملىك ئېڭىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يوقىتىش ۋە سۇسلاشتۇرۇش» تەكلىپى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي مىللەتچىلىكىدىن، يەنى ھۆكۈمران مىللەت ئىدىيەسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن ئىكەن. مەيلى خىتاي مىللەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) بولسۇن، ياكى خىتاي كومپارتىيەسى بولسۇن، باشقا مىللەتلەرنى ئېزىش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «5-ئىيۇلدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن كۆرۈش ۋە يوقىتىش ئىرادىسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك، قىرغىنچىلىق ماھىيىتىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاپ بەردى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، بۇ ۋەقە ئۇيغۇر تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ قارشىلىق ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە 2009-يىلى 5-ئىيۇل باشلانغان قارشىلىق ھەرىكىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپلەپ باستۇرۇلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقەلەر ئىچىدە تۇنجى قېتىم خەلقئاراغا بىر قەدەر تولۇق ئاشكارىلانغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە خەلقئارالىق مۇخبىرلار، ئۇيغۇر پىدائىيلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، 2010-يىل 5-ئايدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلمەتلىك تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىر قاتار باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە تولۇق ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ كەڭ-كۆلەملىك باشلىنىشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بولدى، خالاس».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان «شاۋگۇەن ۋەقەسى» ۋە 5-ئىيۇلدىن كېيىنمۇ داۋاملاشقان بىر قاتار پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ قىرغىنچىلىقنى پەقەت 5-ئىيۇلغىلا مەركەزلەشتۈرۈپ قويغىلى بولمايدۇ. بەلكى بۇ ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملاشقان تەڭسىز مىللىي سىياسىتى، ھەددىدىن ئاشقان خىتاي مىللەتچىلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى باھانە قىلىپ ئېلىپ بارغان بۇلاڭ-تالاڭچىلىقى، باشقا مىللەتلەرنى قۇل قىلىش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش غەرىزىنىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي كىرزىسلارنىڭ پارتلاپ چىقىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۆتكەن 12 يىلدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش، ئۆتمۈشتىكى قانلىق تارىخنى ئەسلەش، خىتاينىڭ جىنايىتىنى داۋاملىق تارتىپ چىقىش ئارقىلىق ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، خىتايدىن ھېساب ئېلىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە.