چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى نەزىرىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.07.10
5-iyul-Youth-Voices.png 8-ئىيۇل كۈنى «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «ياشلار ئاۋازى: 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» تېمىسىدا تور يىغىنى ئېچىلدى. 2020-يىلى 8-ئىيۇل.
Social Media

8-ئىيۇل كۈنى «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «ياشلار ئاۋازى: 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» تېمىسىدا تور يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىرادە قەشقەرى 9-ئىيۇل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تور يىغىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش جەريانى، يىغىن قاتناشچىلىرى ۋە يىغىن كۈنتەرتىپى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىندا ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلاردىن ئامېركادىكى جورجى تاۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسورى دوكتۇر شان روبېرتس ئەپەندى تۇنجى بولۇپ سۆز نۆۋىتى ئېلىپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئالدى-كەينىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى ۋە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شان روبېرتس ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغان بۇيانقى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي باشتۇرۇشتا قوللانغان سىياسىي تاكتېكىلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا، يەنى 1990-يىلدىن كېيىن دەسلەپ ئۇيغۇرلارنى «بۆلگۈنچىلىك» قالپىغى كىيگۈزۈپ باستۇرغان بولسا، 2000-يىللاردىن كېيىن، يەنى ئامېرىكادا يۈز بەرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن غەرپ دۇنياسىدا باشلانغان «تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش» تىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا «ئىسلام تېرورىزىمى» قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى» دىن كېيىن، بولۇپمۇ، 2017-يىلدىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللەتىگە قارىتا ئومۇمىييۈزلۈك ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.

دېرىھېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى رېېككا كلوزىي خانىم «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئامېرىكاغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رېبېككا كلوزىي خانىم 2009-يىلدىن 2016-يىلىغا قەدەر ئامېرىكاغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ياش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزلىكتە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە 18-20 ياش ئەتراپىدىكى بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇندىن كېيىن ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئۇچۇر ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، ئىقتىسادىي مەنبەسىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ روھى جەھەتتە ئېغىر بېسىمغا ئۇچراش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە ئۇزارغان قارا قولىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىشتەك ئېغىر ئەھۋاللاردا قالغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بايان قىلغان.

يىغىن رىياسەتچىسى ئىرادە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇرشۇناش دوكتۇر شان روبېرتس ۋە رېبېككا كلوزىي خانىم ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

ئىرادە قەشقەرى بايانىدا دوكتۇر شان روبېرتسنىڭ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە تۈپتىن بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، رېبېككا كلوزىي خانىمنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان ماددىي ۋە روھىي قىيىنچىلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

«ياشلار ئاۋازى: 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» ناملىق تور يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كانادادىكى زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن ئامېرىكادىكى زۇلقەيدە مەمەت ئۆزلىرىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.

رىياسەتچى ئىرادە قەشقەرى بۇ ئىككى ياشنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدىكى نەق مەيدان تەسىراتى ۋە بۇ تەسىراتنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان جاراھەتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەنلىكىنى، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇلارنىڭ كېيىنكى چاغلاردا ياش ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىرادە قەشقەرى يەنە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدىكى بايانلىرىدىن كېيىن، يىغىن قاتناشچىلىرى سورىغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.