«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى

0:00 / 0:00

15 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ كەلگەن ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› ، 2009-يىلى 26-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن كېلىپ چىققان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تەڭسىز سىياسىتىگە ۋە شاۋگۈەندىكى قەتلىئامغا قارشى تىنچ شەكىلدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇ-يورك شەھىرىدىكى خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان، باستۇرۇش ۋە تالان-تاراج سىياسىتىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى» كېيىنكى مەزگىللەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئۆزگىرىشىدىكى زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى» ھېسابلىنىدىكەن.

خۇ پىڭ ئۆز قارىشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «2009-يىلىدىكى ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋەقە. ئالدى بىلەن بۇ خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا قارىتا ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلغان كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش ۋە زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇنەننىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننى قويۇپ، ئاتالمىش ‹يۇمشاق سىياسەت› قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا، دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى› غا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە، ئۆزىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن رادىكال باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايون دەپ بېرىلگەن ئۇيغۇر دىيارىدا، ھېچقاچان ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قەدەممۇ-قەدەم ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇندىن كېيىنكى 15 يىللىق سىياسىتىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› نىڭ يۈز بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مەزگىل يۈرگۈزگەن باستۇرۇش زەربە بېرىش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ بەردى. ئۇندىن كېيىن گەرچە ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەننى قويۇپ، ئاتالمىش ‹يۇمشاق سىياسەت› يۈرگۈزىدىغانلىقىنى داۋراڭ سالغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ئىنتايىن تېزلىكتە چېن چۈەنگونى يۆتكەپ كېلىپ، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ رادىكال سىياسەت يۈرگۈزدى. رايوندا كۆپلىگەن ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› نى قۇرۇپ، زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى يولغا قويۇپ تاكى بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا. »

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئاۋۋال 2009-يىلى ‹5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى› غا ئوت پىلتىسى بولغان «26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، «26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» نى «مەجبۇرىي ئەمگەك قۇللىرى قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى»، ئۇيغۇرلار قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ تەرىپلىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن رايونغا يۆتكەپ كېلىنگەن جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدىكى بىرنەچچە يىللىق ئاتالمىش «يۇمشاق سىياسەت» مەزگىلى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ دەۋرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئىگىلەش ۋە كېيىنكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى ئۈچۈن تەييارلىق باسقۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى» غا ئوت پىلتىسى بولغان 26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنيادىن ئۈزلۈكسىز يوشۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي تاراتقۇلىرىدا شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى توقۇنۇشتا 2 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكى تەكىتلىنىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار قۇرغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپتۈرۈلۈپ خەۋەر قىلىنىشى سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن، ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دە 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى داۋراڭ سېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە ۋە بۇ ۋەقەنى زوراۋانلىق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 7-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە توقماق كۆتۈرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كوچىلاردا ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ۋە شۇ يىلى 9-ئايدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، شۇ مەزگىلدە رايوندا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار سانىنى ئۈزلۈكسىز يوشۇرۇپ، خەلقئارادىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ رايونغا كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىشىگە يول قويمىغانىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى قاتارلىق مۇستەقىل تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، «26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» دە خىتايلار تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 18 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقلۇقى، 5-ئىيۇل كۈنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىدا خىتاي ساقچى ۋە ھەربىيلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇپ قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى، بولۇپمۇ، قوللىرىدا توقماق كۆتۈرگەن خىتايلارنىڭ كوچىلاردا ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكى ئاشكارىلىغانىدى.