ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غالىپ قۇربان ۋەزىيەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان
2018.12.14

ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتلىمىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غالىپ قۇربان ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلانغان يىغىۋېلىش لاگېرلارغا كەڭ-كۆلەمدە ئادەم سولاش ۋە بىر تۈركۈم ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» دېلولىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان. ئۇ ئۆز نارازىلىقىنى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 6-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا غالىپ قۇرباننىڭ 6 ئايدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى سوت خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غالىپ قۇربان ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئېغىر جازا ھۆكۈملىرىگە داۋاملىق ھالدا سۈكۈت قىلىشقا تاقەت قىلالمىغان. بولۇپمۇ بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۇ ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە شەكىللىنىشى ئۇنىڭدا ئېغىر بىر جاۋابكارلىق تۇيغۇسى ۋە روھىي بېسىم پەيدا قىلغان. ئۇ ئاخىرى ۋەزىيەتنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئالاقىدار يىغىنلاردا ئۆز پىكرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ يىل 4 -ئايدا بېيجىڭغا بىر يىغىنغا بارغان ۋاقتىدا ئۇيغۇر رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك بىر يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئالاقىدار رەھبەرلەرگە ۋە دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە شىكايەت قىلغان. ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، غالىپ قۇربان شۇ قېتىملىق بېيجىڭ سەپىرىدىن قايتقان ھامان ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى سوت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.
ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ بايان قىلىشىچە، غالىپ قۇربان دەسلەپتە ئۆزىگە تەستىق سېلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان بىر قىسىم سوت ھۆكۈملىرىگە مەزكۇر دېلولاردا قانۇننىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان ياكى ئارقىسىغا سۈرگەن. ئۇ بۇ قىلغىنى ئۈچۈن ئالاقىدار يىغىنلاردا ھېساب بېرىشكە مەجبۇر بولغاندا نۆۋەتتىكى «تەربىيىلەش» دولقۇنىنىڭ رايوندىكى كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنى ۋەيرانچىلىققا سالغانلىقى، بۇنىڭ ئاقىۋەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئېغىر خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۈرۈمچى تۆمۈر يول سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر بۆلۈم باشلىقى دەسلەپتە تۇتقۇندىكى مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى غالىپ قۇرباننى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئارقىدىن ئۇنىڭ دېلوسىنى بەك بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدىيۇ، ئاخىرىدا غالىپ قۇرباننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەھۋالنى ئوتتۇرا سوتتىن ئېنىقلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، غالىپ قۇربان ئالاقىدار بىر يىغىندا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم ئاتالمىش «سۆھبەت» كە چاقىرتىلغان. ئۇ «سۆھبەت» داۋامىدا ئۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ ئوبرازى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىنى قوغداشتىن باشقا مەقسىتى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى ئۇنىڭغا تەنبىھ بەرگەن ۋە يول كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنى ئاتالمىش «تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلماسلىق» ھەققىدە ئىشارەتلىك شەكلىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى غالىپ قۇرباننىڭ نۆۋەتتە ئىش ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ غالىپ قۇرباننىڭ قاچاندىن بېرى ۋە نېمە سەۋەبتىن ئىش ئورنىدا يوق ئىكەنلىكى، قاچان ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلىغان كىشىنىڭ سەۋەبسىز لاگېرلارغا سولىنىشىدىن ئىبارەت بۇ كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇندا ئاساسى قاتلاملاردا ئاساسەن ئۇيغۇر ساقچىلار ئالدىنقى سەپتە ئىشقا سېلىنماقتىكەن. ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى ئېغىر جازا ھۆكۈمنامىلىرىغىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇر سوت خادىملىرىنىڭ ئىمزاسى قويۇلماقتىكەن. بۇ ۋەزىيەت بىر قىسىم ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلاردا ئۆزىگە ۋە ئەۋلادلىرىغا تارىخىي بىر جىنايەت ئارتىلىپ قېلىش ئەندىشىسى پەيدا قىلماقتىكەن. غالىپ قۇرباننىڭ مانا مۇشۇنداق بىر ئەندىشە بىلەن ۋەزىيەتكە ئىنكاس قايتۇرغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر ئىنكاسچى غالىپ قۇرباننىڭ دۆلەت خادىملىرىنىڭ يوشۇرۇن تەھدىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ھەم ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش نۇقتىسىدىن ھەم ئۇيغۇر رايوندىكى ۋەزىيەت ۋە ئۆزى دۇچ كەلگەن سوراق ھەققىدە بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا مەلۇمات بەرگەنلىكى مەلۇم.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى غالىپ قۇرباننىڭ ئاز دېگەندە 6 ئايدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز ئۇنىڭدىن غالىپ قۇرباننىڭ نۆۋەتتە قاماقخانىدا ياكى لاگېردا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، غالىپ قۇربان بېيجىڭدا ئەھۋال مەلۇم قىلغان چېغىدا ئۇيغۇر رايوندىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بەرپا قىلماقچى بولغان ئەبەدىي ئەمىنلىك نىشانىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئالاقىدار دائىرىلەر ئۇنىڭ شىكايەتلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىغان ۋە ھەتتا ۋەزىيەتنى مەلۇم قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ يولغا سېلىپ قويغان. ئەمما غالىپ قۇربان ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا چۈشكەندىن كېيىنلا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. غالىپ قۇرباننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن دوستلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن بىر ئايدىن كېيىن خەۋەر تاپقان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ نۆۋەتچى خادىمى غالىپ قۇرباننىڭ خاتالاشقانلىقى ھەققىدە سوتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقى ۋە يەنە ئىككى ئايچە ئاۋۋال سوت خىزمەتچىلىرىگە كۆرسىتىلگەن ساقچى ئىبرەت فىلىمىدا غالىپ قۇرباننىڭمۇ ئاتالمىش خاتالىقلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە مەزكۇر ئىبرەت فىلىمىدە غالىپ قۇرباننىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ مەزكۇر فىلىمدا دېيىلگەن كونكرېت پاكىتلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.