سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت يىغىنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قارار قوبۇل قىلىنغان
2022.06.28
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، 26-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتىدىكى «ئەلمو قەلئەسى» دەپ ئاتىلىدىغان مەنزىرىلىك ساياھەت رايونىدا سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ باش قوشۇش يىغىنى چاقىرىلغان. 18 مىڭ ساقچى، 190 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق ئىقتىساد سەرپ قىلىنغان بۇ يىغىننىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ھېچقاچانقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلغان. ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن «ئەلمو قە´ئەسى» ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ ھەممىسى قامال قىلىنغان. نامايىشچىلارنىڭ قارشىلىقلىرىغىمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىنغان. يىغىننىڭ خەۋىرى پۈتكۈل گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان.
دۇنيانىڭ كۈچلۈك دىققەت نەزەرىدىكى بۇ يىغىنغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون، فرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ياپونىيە باش مىنىستېرى فۇمىئو كىشىدا، كانادا باش مىنىستېرى جاستىن ترېدو، ئىتالىيە باش مىنىستېرى مارىئو دىراگې، گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىز قاتارلىق 7 دۆلەتنىڭ رەھبىرى قاتناشقان. ئۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستان باش مىنىستېرى نارېندىرا مودى، جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى سيرىل رامافوزا، سېنىگال پىرېزىدېنتى ماكي سال، ئارگېنتىنا پرېزىدېنتى ئالبېرتو ئانگېل فېرناندېز ۋە ھىندونىزىيە پرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى چارلىس مىچېل ۋە ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لايىنمۇ مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان. 27-ئىيۇن كۈنى يەنە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكىيمۇ تور ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقان.
سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا گەرچە گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شۇلىز «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قارىمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىنىڭ بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقى نامەلۇم. ھالبۇكى، ئاخبارات ۋاستىلىرى سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 3-كۈنى، يەنى يىغىن ئاخىرلىشىدىغان 28-ئىيۇن كۈنى سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتنىڭ خىتايغا قارشى بىر قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇ قاراردا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىنى يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان بۇ قارارغا دائىر خەۋەردە تەكىتلىشىچە، «سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت خىتايغا ئورتاق قارشى چىقىدىغان بۇنداق ئىش، G7 يىغىنى تارىخىدا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان» ئىكەن. بىراق، بۇ قاراردا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يەنە قانداق مەزمۇنلارنىڭ يەر ئالغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
مەزكۇر يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىپ، رۇسىيەنى مەغلۇپ قىلىش، ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇكرائىنا دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا 29 مىليارد دوللار يادەمدە بولۇش، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ئاچارچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان 50 مىليون ئىنساننىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇرۇش تۈپەيلى پەيدا بولغان ئاشلىق ۋە ئېنىرگىيە قەھەتچىلىكىگە خاتىمە بېرىش، كېلىمات مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلار ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.
بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، G7 دۆلەتلىرى يىغىننىڭ دەسلەپكى كۈنى قوبۇل قىلغان 600 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە قارشى دۇنياۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باشلاش قارارى ھەيران قالارلىق بىر نەتىجە ھېسابلىنىدىكەن. ھەم رۇسىيەنى ھەم خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بۇ قارار، G7 ۋە ئۇنىڭغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ قايتىدىن ئافرىقا، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان يېڭى بىر سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي تەرتىپ بەرپا قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىكەن. بۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە قارىتا كۈچلۈك توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان بۇ قارارغا شۇ كۈنىلا ئىتىراز بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى قۇترىتىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقتا،» دېگەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، G7 يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن زىچ ئالاقىسى باركەن. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار قارارلار بىۋاستە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنىڭ G7 يىغىنىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ زور بىر ئىجابىي قەدەم بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ باھالىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى G7 يىغىنىنىڭ ئىلگىرىكى يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىكى، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت ھەم ئۇنىڭغا قوشۇلغان 5 دۆلەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندىكى دوستانىلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان. رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكى بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە ھەم ئۇلارنى بىر بىرىگە مەھكەم باغلاشقا تۈرتكە بولغان.