تۈركىيەدە «840-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە تونۇلغان تارىخچى، ئىستانبۇلدىكى يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى يازغان «840-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتاب يورۇقلۇققا چىقتى. ئىستانبۇلدىكى بىلىم، مەدىنىيەت ۋە سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان مەزكۇر كىتاب 192 بەت ۋە 7 باپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار تارىختا پەيدا بولغان ئەڭ قەدىمكى دەۋىرلەردىن تاكى ئورخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى تارىخىي جەريانلار بايان قىلىنغان. بۇلاردىن سىرت مەزكۇر كىتابتا يەنە گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى بىلەن بەشبالىق ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.

بىز كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى تونۇلغان تارىخچى ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «كىتابدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ تاكى مىلادى 840-يىلىغىچە بولغان جەرياننى بايان قىلدىم. مەن مەزكۇر كىتابىمدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئۇرۇق-قەۋملىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. مەن بۇلارنى بايان قىلىشتا قەدىمكى خىتايچە مەنبەلەردىن پايدىلاندىم. شۇنداقلا موڭغۇلىيە ھەم يېنىسەي ۋادىسىدىن تېپىلغان تېرخىن مەڭگۈ تېشى، تەرىك مەڭگۈ تېشى قاتارلىق مەڭگۈ تاشلارغا ئويۇلغان قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى تېكىستلەردە ئۇچرايدىغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مەلۇماتلاردىنمۇ پايدىلاندىم. كۆكتۈرك دۆلىتى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ۋەقەلەرنىمۇ يازدىم.»

تونۇلغان تارىخچى ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى «840-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان مەزگىللەردە باشقا قەۋملەرگە قارىغاندا كۈچلۈك بولۇشىدىكى سەۋەبلىرىنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنىسىگە چىققان مەزگىلدە قارلۇقلار ۋە باسمىللارغا قارىغاندا ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. مەن كىتابىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلىنىشىدىكى سەۋەب ۋە ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇيغۇر خاقانى مويونچۇر خاقاننىڭ باشقا تۈرك خاقانلىرىدىن بۇقان خاقان ۋە مەتە خاقانغا ئوخشاش كۈچلۈك خاقان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشى، مانى دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېلىپ كەلگەن پايدىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر ھاياتىغا ئۆتۈش جەريانى قاتارلىقلارنى بايان قىلدىم. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەر بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرىنىمۇ ئاڭلاتتىم.»

تارىخچى ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى مەزكۇر كىتابدا 740-يىلى ئورخۇن-يېنىسەي ۋادىسىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ 840-يىلىدا قانداق يېمىرىلگەنلىكىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مانى دىنىنىڭ ھاكىمىيەتتىكىلەرگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ 840-يىلىدا يېمىرىلىش جەريانى ۋە سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

كىتابنىڭ ئاپتورى ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى كىتابنىڭ ئاخىرىدا گەنسۇ ۋە بېشبالىق ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتى قاتارلىقلارلار ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئاخىرىدا گەنسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى، بېشبالىق ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. بۇنى كېيىن تېخىمۇ تەپسىلىي يازماقچىمەن. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن قوشقان تۆھپىلىرى، مەسىلەن، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر-قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارغا ئورۇن بېرىش ئارقىلىق بىرقەدەر تولۇق بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىشقا تىرىشتىم.»

تارىخچى ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرماقچىمەن. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغوللارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا كىرگۈچە بولغان مەزگىلدىكى تارىخنى يازماقچىمەن. موڭغوللارنىڭ ھاكىمىيەتى ئاستىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئوينىغان روللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر ھاياتىغا ئۆتۈش جەريانى قاتارلىقلارلارنى تەپسىلىي يازماقچىمەن. ئۇيغۇرلار كۆكتۈركلەردىنمۇ قەدىمىي تارىخقا ئىگە. تۈرك تارىخىدا كۆكتۈركلەردىن بۇرۇن قاڭلې، گاۋچې، يەنى ئېگىز ھارىۋالىلار بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قەبىلىسى بار. تارىختا كۆكتۈركلەر ئازجىزلىغان ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار كۈچلەنگەن ئىدى.»

تارىخچى ئەخمەت تاشاغىل ئەپەندى مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئۇيغۇرلار كۆكتۈرك دۆلىتى مەزگىلىدە ناھايىتى كۈچلۈك بىر قەۋم ئىدى، 50 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئارمىيەسى بار ئىدى. خىتايچە تارىخىي مەنبەلەردە مۇشۇنداق خاتىرلەنگەن. خىتايچە مەنبەلەردە بۇلار تەپسىلىي ۋە ئېنىق يېزىلغان. 740-يىلىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ داۋامى دەپ قارىلىدۇ. مويونچور خاقان مەزگىلىدە يېزىلغان تارىخىي مەنبەلەردىمۇ بۇلار ئوچۇق خاتىرلەنگەن. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ئەڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە تۈرك قەبىلىسى بولۇپ، ھون دەۋرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. مەن يېقىندا نەشىر قىلىنغان ‹840-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار› ناملىق كىتابىمدا بۇلارنى بايان قىلدىم.»

بىز كىتاب ھەققىدە كۆز-قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جوغراپىيە فاكۇلتېتى تارىخ كەسپىنىڭ دوكتورانتى ئېلى قەشقەرلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ «840-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخى توغرىسىدا يېزىلغان بىر قەدەر مۇپەسسەل كىتاب ئىكەنلىكىنى، بۇ كىتابنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نەشر قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلى قەشقەرلى ئەپەندى 12-ئەسىردىن كېيىنكى ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ تۈركىيەدە كەمچىل بىر ساھە ئىكەنلىكىنى، ئەخمەت تاشئاغىل يازماقچى بولغان كىتابنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قوجائالى ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1985-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرگەن. شۇ يىلى خىتايچە ئۆگىنىش ئۈچۈن تەيۋەن جېڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغان. ئۇ قەدىمكى تۈرك تارىخى بويىچە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدە ماگېستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەخمەت تاشئاغىل رۇسچە، ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە بىلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلىرى ۋە 15 دەك كىتابى نەشر قىلىنغان.