ئابلىكىم يۈسۈپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بوسنىيەدىن قاتارغا قايتۇرۇلغان ئابلىكىم يۈسۈپ.
بوسنىيەدىن قاتارغا قايتۇرۇلغان ئابلىكىم يۈسۈپ.
Social Media

31-ئىيۇل كۈنى ئايروپىلان بىلەن بوسنىيە پايتەختى سارايېۋوغا چۈشكەندە، بوسنىيە ئۇنى كىرگۈزمىگەندىن كېيىن قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن قاتار پايتەختى دوھاغا قايتۇرۇلغان 53 ياشلىق ئابلىكىم يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ 3-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن سائەت 11دە ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خەلقئارادىن ۋە ئۇيغۇرلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ تارقاتقان ئۇچۇرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر ئۇچۇر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىڭلىغان كىشى تەرىپىدىن ھەمبەھىرلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇ، مەزكۇر سىنئالغۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىسىم-فامىلەم ئابلىكىم يۈسۈپ، تېگىم خوتەنلىك. پاكىستاندا تۇرۇۋاتاتتىم، يېقىندىن بۇيان ئۇ جايدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك قېيىن بولۇپ كېتىپ، مىڭ تەسلىكتە سىرتقا چىقىپ كېتەي دەپ، بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋوغا كەلسەم، مېنى سارايېۋو ئايرودرومدىن قايتۇرۇپ دوھاغا ئەكېلىپ قويدى. بۇلار ئەتە ئەتىگەن دوھادىن بېيجىڭغا يولغا سالىمىز دەپ بېلەتنى تەييارلاپ قويدى. مەن قايتمايمەن دېمەي ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ تۇردۇم، ماڭا خەلقئارانىڭ ۋە دوستلارنىڭ ياردىمى كېرەك». 

بۇ خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن د ئۇ ق رەھبەرلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. 

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئابلىكىم يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈچىنچى دۆلەتكە كېتىش مەسىلىسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن تارتىپ بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىپ بەرمەيۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ بىرقىسىم دۆلەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكىنى كۆرەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرلار خاتىرجەم ياشايدىغان دۆلەتلەرگە كېتىشكە تىرىشماقتا. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنداق ئۇيغۇرلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا توختالدى. 

ئابلىكىم يۈسۈپ ئەپەندى 4-ئاۋغۇست كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ۋە ياردەم قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇشىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ رولى زور بولغانلىقى ئېيتىلماقتا. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. تۇنجى بولۇپ بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى نەبىجان ئەلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى. 

ئابلىكىم يۈسۈپ خوتەن ۋىلايىتىدىن بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن. ئۆزىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇزۇن مەزگىل پاكىستاندا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە پاكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئەنسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن پاكىستاندىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغانىكەن.

تولۇق بەت