ئەركىنلىك سارىيى: «دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ تاراتقۇلار ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا چەكلىمە قويۇشى كېرەك»

0:00 / 0:00

ئەركىنلىك سارىيى 15‏-يانۋار كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 2017‏-يىلدىن بېرى تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارا تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ نىشانغا يېتىشتە تەھدىت سېلىش، قورقىتىش، چەكلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىگە پايدىسىز ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇ جەھەتتە ئىنتايىن قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۇچۇرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، غەربنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىكەن.

«بېيجىڭنىڭ يەرشارى جارچىسى: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2017‏-يىلدىن كېيىنكى ئاخبارات تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى» ناملىق دوكلاتتا، خىتاينىڭ دۇنيا ئاخبارات ساھەسىگە قانداق سىڭىپ كىرگەنلىكى، ئۇنىڭ مەقسىتى، ئۇنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق خەۋەرلەرنى قانداق تارقىتىۋاتقانلىقى، پايدىسىز خەۋەرلەرنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقى، چەتئەل تاراتقۇلىرىغا قانداق بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە تەنقىدلەرنى قانداق ئىشەنچىسىزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئانالىز قىلىنغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، فېيسبوئوك، تۋۋىتتىر، يۇتۇب، ئىنىستىگرام قاتارلىق خەلقئرا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار خىتايدا توسۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مەزكۇر ئالاقە مۇنبەرلىرىدە قوللىنىپ، ئۆزلىرىگە نۇرغۇن تور ئابونتلىرىنى توپلىماقتا، شۇنداقلا ئېلان-سەنئەت ۋە مەنبەئەسى مۈجىمەل ئالدامچىلىق خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار بىلەن ئابونتلارنى قايمۇقتۇرماقتىكەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىستۇر. ئۇ، 15‏-يانۋار كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر دوكلات ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي، تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىشتا ھەر خىل تاكتىكىلارنى قوللانماقتىكەن.

ساراھ كۇك مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ تاكتىكىلىرىدا بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئۇنىڭ تاكتىكىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئۇنىڭ نىشان قىلغان ئوبيېكتى كېڭەيدى. تاكتىكىنىڭ تۈرىگە كەلسەك ئۇ، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ چەتئەل ژورنالىستلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشى، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى سېنزورىلاشقا مەجبۇرلىشى قاتارلىق ھەر خىل تاكتىكىلارنى ئىشلىتىشىدۇر. ئۇ بۇرۇن چەتئەلدىكى خىتاي تاراتقۇلىرىنى، شۇنداقلا نيۇ-يورك ۋاقتى، ۋول ستېرېت ژۇرنىلى گېزىتىدەك خەلقئارا چوڭ تاراتقۇلارنى نىشان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز ھازىر ئۇنىڭ بۇ خىل تاكتىكىلارنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەرلىك تاراتقۇلارغىمۇ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.»

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 28 بەتلىك دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق تەھدىتى، دەپ كۆرسىتىشى لاگېرلار مەسىلىسىدىكى تەشۋىقات ھۇجۇملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتىكەن. دوكلاتتا، خىتاينىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتىدا ئۇنىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بىلەن «خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى» نىڭ ئاۋانگارتلىق رول ئويناۋاتقنالىقى تەكىتلەنگەن. يېقىندا «خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى» CGTN ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ فېيسبۇكتىكى بېتىدە ئىنگلىز، فرانسۇز، ئىسپان تىللىرىدا تارقاتقان. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە باستۇرۇشىغا قارىتىلغان خەلقئارا تەنقىدلەر رەت قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلىق تەھدىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، CGTN نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى فىلىمى قىسقا ۋاقىتتا 25 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ: «بۇ، مەزكۇر قاناللارنىڭ ئالدامچىلىق خاراكتېرلىك ئېلان سەنئەت ۋە خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىقاتىنىڭ يەرشارى مىقياسىدا كەڭ تارقىلىشىغا قانداق قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى» ئىكەن. ساراھ كۇك بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ خەلقئارا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىپ، خىتاي ھەققىدە مۈجىمەل ئىجابىي خەۋەرلەرنى تارقىتىپلا قالماي، خوڭكوڭدىكى نامايىش ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سەلبىي ئۇچۇرلارنى يېيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز تەشۋىقات ساھەسىدە ئۇنىڭ پەرقلىق تاكتىكىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇنىڭدىن 7 يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ئىشتىراك قىلماقتا. 2019‏-يىلى كۆرۈلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى شۇ، ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قوللىنىپ، خىتايغا ئالاقىدار مۈجىمەل ئىجابىي خەۋەرلەرنى كەڭ تارقىتىپلا قالماي، خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلار توغرىسىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكى ھەققىدە يالغان سەلبىي خەۋەرلەرنى تارقىتىپ كەلدى. ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىپ، خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى قىلىشقا ئۇرۇندى».

مەزكۇر دوكلات مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار غەرب دۆلەتلىرىنى بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى»، CGTN قاتارلىق تەشۋىقات ئاپاراتلىرىغا قارىتا بەزى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى فۇرقەت جاۋدەت مانا شۇ تەشەببۇستىكى شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 15‏-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ غەرب لىبېرال دېموكراتىيە سىستېمىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. فۇرقەت جاۋدەت ئىلگىرى لاگېرىدىكى ئانىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئامېرىكاغا چىقىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبلىك «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانىدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ۋە غەرب باشقا دۆلەتلەر بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا غەرب دېموكراتىيەسىنى داۋاملىق سۈيىئىستېمال قىلىشىغا چەك قويۇشى كېرەك ئىكەن.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇپ، پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئېلىش، ھەقىقەتنى بىلىش ھوقۇقىنى قوغدىشىنى، ئوچۇق ئاشكارىلىقنى تەلەپ قىلىشنى، ئەگەر خىتاي دىپلوماتلىرى ياكى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى چېگرا ئاتلاپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە مۇداخىلە قىلسا، قەتئىي جازالاشنى تەلەپ قىلغان. دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى بەزى شىركەتلەرگە بولغان نازارەتنىڭ كۈچەيتىلىشى، خىتاينىڭ تېڭشۈن قاتارلىق شىركەتلىرىگە قارىتا ھۇشيارلىقنىڭ ئۆستۈرۈلىشى، ئاخبارات نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خىتاي كومپارتىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ھەركىتىنى نازارەت قىلىشنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.