ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.08.05
Omer-Qanat-Mike-Pence-201908.jpeg ئۆمەر قانات ئەپەندى تەكلىپ بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس بىلەن بولغان ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. 2019- يىلى 5- ئاۋغۇست. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
Photo: RFA

5-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا دېموكرات خىتاي ۋەكىللىرى، خرىستىئان ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

مەزكۇر ئۇچرىشىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇچرىشىش ئەتىگەن سائەت 11 دە باشلىنىپ، بىر سائەت داۋام قىلغان. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدىغان مۇھىم بىر پۇرسەت بولغان. 

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلغان ئەربابلارنىڭ بىرى. ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆتكەن يىلى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس توختالغان ۋە «خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھۆكۈمەت لاگېرلىرىغا قاماپ، مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققانلار بېشىغا كەلگەنلەرنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى بوغۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان مەقسەتلىك ھەرىكىتى، دەپ تەسۋىرلىمەكتە» دېگەن. ئۇ يەنە، 8-ئىيۇل كۈنى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى لاگېرغا قامىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ھەرگىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن. 

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتا ئۆزىگە سۆز نۆۋىتى كەلگەندە ئالدى بىلەن مۇئاۋىن پرېزىدېنتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ۋە ئۇنى داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادە قىلغان. 

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايك پەنسمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن بىر ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان بۇ مۇئامىلىگە نىسبەتەن قانداق تەدبىر ئېلىش مەسىلىسىدە داۋاملىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. 

ئۆمەر قانات ئەپەندى مايك پەنسكە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلىرىغا قارشى كونكرېت تەدبىر ئېلىش تەقەززاسىنىڭ قاتتىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. يىغىندا ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن نۇقتىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سودا سۆھبەتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تېمىسى قىلىشى كېرەكلىكى بولغان. 

ئۇچرىشىشقا قاتناشقان خىتاي دېموكراتىيە ۋەكىللىرى، خرىستىئانلار ۋە فالۇنگوڭ ۋەكىللىرىمۇ بىردەك ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش باشقا گۇرۇپپىلارغىمۇ قوللىنىدىغان مۇئامىلىسىنىڭ جىددىي سىگنالى ۋە بىر ئۆرنىكى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۇچرىشىشتا مايك پەنس ئەپەندىگە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە شۇنداقلا ۋاشىنگتوندا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تېما قىلىنغان بىر خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇنغان. 

بۇ ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ۋە ئۇنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىرى شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندىلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.