ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى جاۋانشىر فەيزىيېف: «ئۇيغۇرلارغا بارلىق تۈركىي دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ياردەم قىلىشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.10.13
ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى جاۋانشىر فەيزىيېف: «ئۇيغۇرلارغا بارلىق تۈركىي دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ياردەم قىلىشى كېرەك» «تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دوستلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاۋانشىر فەيزىيېف ئەپەندى. 2021-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

يېقىندا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرۇلغان «تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دوستلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاۋانشىر فەيزىيېف ئەپەندى بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى سىز كىتابىڭىزدا ‹تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى› قۇرۇلۇش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز؟ سىز ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ‹تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاق› قۇرۇلسا، ئۇيغۇرلارغا نېمە پايدىسى بولىدۇ» ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەمەلگە ئاشسا، مۇستەقىللىققا ئېرىشەلمىگەن تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن بىر تايانچ بولىدۇ. بۈگۈن خىتاينىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بولسۇن، مەيلى ئىراق، ئىران ۋە سۈرىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەر بولسۇن ئېغىر ۋەزىيەتتە قالغاندا مۇراجىئەت قىلىدىغان بىر يەر يوق. ئەلۋەتتە تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى يوق، خىتايغا قارشى تەسىرىمۇ يوق. شۇڭا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالمايۋاتىمىز. ئەگەر تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلسا ئىران، رۇسىيە، خىتاي، ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا، ئۇلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيمىز. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلىرىدە كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقىغا ئىگە ياشىشىغا ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلالايمىز».

يېقىندا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرۇلغان «تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.

جاۋانشىر فەيزىيېف ئەپەندى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى كۆڭلىمىزنى بەكلا يېرىم قىلماقتا. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە، مولداۋىيەدە تۇرۇۋاتقان تۈركىي خەلقلەرمۇ بېسىم ئاستىدا، ئەمما ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقاندەك ئېغىر ئەمەس. ئۇيغۇرلار تارىختا دۆلەت قۇرغان، قەدىمىي دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەت. ئۇيغۇرىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى، دۆلەت ئەنئەنىلىرىنىڭ، مىللىي كىملىكلىرىنىڭ يوقىتىلىشى دۇنيادىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى قايغۇغا چۆمدۈرۈشى كېرەك».

ئۇ: «سىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتىگە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ قايغۇغا چۆمۈشى كېرەكلىكىنى دەپ ئۆتتىڭىز، بۇنداق ۋەزىيەتتە مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلىرى نېمە قىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي سەۋەبلىرى مەۋجۇتتۇر. ۋەزىيەت داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش جەريانىدا بەزى لىدېرلىرىنىڭ خاتالىقلىرى بىر مىللەتنى ئېغىر ۋەزىيەتتە قويۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تارىخىدىمۇ بۇنداق خاتالىقلار كۆپ سادىر بولغان ئىكەن. ھازىر خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئەنئەنىسى يوقىتىلىش بىلەنلا قالماستىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنىمۇ يوقىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، بۇ بىر مىللەتنىڭ يوق بولۇشى دېگەن بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇرىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنى تارىخ سەھنىسىدىن يوق قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بارلىق تۈركىي دۆلەتلەر ۋە تۈركىي خەلقلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. بۇلار ئۇيغۇرلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارغا سىياسىي، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىشى كېرەك».

جاۋانشىر فەيزىيېف ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستانغا تېخىمۇ كۆپ ۋەزىپە چۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاندا كۆپ ساندا ئۇيغۇر نوپۇسى بار. بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسانىي مۇناسىۋەتمۇ ناھايىتى قويۇق. بۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلىشى ناھايىتى قېيىن. شۇڭا تۈركىي دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق. تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى پەقەت مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بارلىق ئېزىلىۋاتقان تۈركىي خەلقلىرى ئۈچۈنمۇ نىجات يولى ھېسابلىنىدۇ. يەرشارىلىشىۋاتقان دۇنيادا ئۆز مەنپەئەتلىرىمىزنى، يەنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مۇھىم دەپ ئويلايمەن. مەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابىمدىمۇ بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم».

جاۋانشىر فەيزىيېف 1963-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1991-يىلى ئەزەربەيجان تىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىرانسۇز ۋە ئىنگلىز تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ، 2009-يىلى ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇنىڭ «تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» ناملىق كىتابى كۆپ تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ، 2007-يىلىدىن بۇيان ئەزەربەيجان پارلامېنتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دوستلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئۇنىڭ «تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» ناملىق كىتابىنى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.