ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف: مېنى شائىر قىلغان خەلق

ئۆتمۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى كۆپ جەھەتتە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان قازاقىستاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 20-يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شەكىللىنىشكە باشلىغانىدى. بۇ ئەدەبىيات ئۆز تەرەققىياتىدا شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىدېئولوگىيەسىنى تەرغىب قىلىش بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىي ئەنئەنىلەرنىمۇ داۋاملاشتۇردى.

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز تارىخىدا كۆپلىگەن ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالالىدى. بولۇپمۇ 50-60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىش سەۋەبىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قازاقىستانغا كۆچۈپ ئورۇنلىشىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئاتاقلىق ئەدىب، خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى باشلىغان مەزكۇر يازغۇچىلار قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. ئۇلار يېڭى مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى يارىتىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ پروزا، شېئىرىيەت ۋە دراماتورگىيە ساھەلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تەمىنلىدى. شۇلارنىڭ بىرى 1936-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 1962-يىلى قازاقىستانغا چىقىپ يەرلەشكەن، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفتۇر.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدە ئۈنۈملۈك ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ساھەدە يەنە ئۆمەر مۇھەممەدى، ھېزىم ئىسكەندەروف، ھېزىم بەخنىيازوف، خېلىل ھەمرايېف، ئىلىيا بەختىيا، دولقۇن ياسىن ئوخشاش ئاتاقلىق شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىدە تۈرلۈك ماۋزۇلارغا مۇراجىئەت قىلغان ھەم باشقا قەلەمداشلىرىغا، بولۇپمۇ ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ كەلگەن.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ھەر بىر يازغۇچىنىڭ ئۆزى تاللىۋالىدىغان ھەم ئۆز ئىجادىيىتىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ماۋزۇلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقتىمىزدا مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يازدۇق. بۇنىڭ بىلەن بىر-ئىككى دەپتىرىم تولۇپ كەتتى. ھەقىقىي شېئىرىنى چۈشىنىپ قالغاندا ئۆلمەس تېمىلار بولىدۇ. مۇھەببەتتىن كەم ئەمەس ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىسى بولىدۇ. ھازىرقى جاھاننى قاپلاۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دېگەن گەپ شۇ».

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئىجاد قىلغان شائىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزلىرى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتسىمۇ، تۇغۇلۇپ، ئۆسكەن يۇرتىنى، يەنى تارىخىي ۋەتىنىنى سېغىنىپ، ئەسەر يېزىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانىكەن. مۇنداق ئەنئەنە ئەدەبىياتنىڭ پروزا ۋە دراماتورگىيە ساھەلىرىدىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە دۇنياغا كېلىپ، شۇ يەردە ئالىي بىلىم ئالغان ھەم ئۇيغۇر كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى، ئاباي، ئابدۇللا توقاي، سەدىردىن ئەينى ئوخشاش باشقا قېرىنداش خەلقلەر ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى چوڭ قىزىقىش بىلەن ئۆگەنگەن شائىردۇر.

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان شائىر ۋە يازغۇچىلار قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى ئەتراپىغا توپلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىنى گېزىت ۋە ژۇرناللاردا، ئايرىم توپلاملاردا، كىتابلاردا ئېلان قىلىپ كەلگەنىدى. شۇ جۈملىدىن ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ماۋزۇلاردا يازغان ئەسەرلىرىنى توپلاملارغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل يىللاردا نەشر قىلىپ كەلگەنلىكى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ۋەتەن ماۋزۇسىنىڭ ھەر قانداق بىر قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ ئىجادىدا ئالاھىدە بىر ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ۋەتەن دېگەن ئۇ مۇقەددەس. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەلىمى ئۆتۈپ كەتكەن. ماڭا ئۇيغۇر خەلقى خۇدادەك ئۇلۇغ خەلق. يەنە دوستلۇق تېمىسى بار. ئادەم يالغۇز ياشىيالمايدۇ، پەقەت دوستلار بىلەن ياشايدۇ. ھازىر بىزگە چىن دوستلار كېرەك. دوستنى مەن قېرىنداشلىرىمدىن تاپالمىساممۇ، ئويلىمىغان يەردىن خۇدا ماڭا دوستلارنى بەردى. مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ بار ئىكەنغۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن تىك تۇرىدىغان».

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى ئۆز ئىجادىيىتىدە ئۆزلىرى ئوقۇپ، ئىشلەپ، ياشاۋاتقان قازاقىستاننىڭ گۈزەل تەبىئىتىنى، يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى، ئۇنىڭ خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇق سىرلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن قېرىنداش كۆرىدىغان قازاق خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى، بىرلىكىنى، ئۇنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرىگە، خۇشاللىقلىرىغا ھېسداشلىقىنى كۈيلىدى. قازاق-ئۇيغۇر دوستلۇقى ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر پويېزىيەسىنىڭ ئاساسىي ماۋزۇلىرىدىن بولۇپ قېلىۋەردى.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ئادەمنىڭ قۇتلۇق ئۆيى شۇنىڭ ۋەتىنى يەنى كىندىك قان تۆكۈلگەن يەر بولىدۇ. ئۇمۇ بىر ئۆيدە تۆكۈلىدۇ. مېنىڭمۇ غۇلجانىڭ ئەسكى تاملىق بىر ئۆيىدە كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن. شۇ ئۆي بار. شۇ يەر سېنىڭ ئەسلى ۋەتىنىڭ بولىدۇ. بىز بۇ يەرگە چىقتۇق. بۇ جاپانى تەڭ تارتقان، ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرگەن قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ يېرى بۇ. قازاقىستان دەيمىز. بۇ يەرمۇ ماڭا ئۆگەي ئانىلىق قىلىۋاتقىنى يوق. مەن بەش بالامنى مۇشۇ يەردە تېپىپ، چوڭ قىلدىم. قازاق خەلقى ئۈچۈن مۇشۇ يەر ئۇلۇغ. مەن ئۈچۈن ئۇيغۇرىستان مۇقەددەس. بۇ قازاقىستاننى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ دېگەن سۆز ئەمەس. مۇشۇ شارائىتنى تۇغدۇرۇپ بەرمىسە، بۇ ھالغا يېتەلمەيتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېرىنداش خەلقتىن مىننەتدارمەن «.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف يەنە ئۆزىنىڭ شائىر بولۇپ يېتىلىشىدە باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ قاتتىق تەسىرى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:» مېنىڭ كىچىك ۋاقلىرىمدا ياد ئالغان شائىرىم بار. ئۇنىڭ ئىسمى قاسىم ئامانجولوف. قازاق ئېلىنىڭ پەرزەنتى. ئابدۇللا توقاي تاتار شائىرى. مېنىڭ شائىر بولۇشۇمغا ئەنە شۇ يادلىغان شېئىرلارنىڭ تەسىرى بولدى. مەن مىڭ كۇپلېتقا يېقىن قوشاق بىلەتتىم. ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ماڭا ئۆگەتكەن قوشاقلار. مېنى شائىر قىلغان شۇ خەلق».

مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى شائىر ۋە يازغۇچىلار دائىم ئۆز ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ كەلگەنىدى. تېيىپجان ئېلىيېف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، ئەرشىدىن تاتلىق، زوردۇن سابىر ۋە باشقىلار قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچىلاردۇر.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مۇنداق دېدى:» ۋەتەندە بىر شائىر دوستۇم بار، مەھەمەتجان راشىدىن. مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئۇستاز دەپ بىلىمەن. چۈنكى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى بىرلا ئوقۇساڭ يادىڭدا قالىدۇ. ئۇمۇ بىر جاپاكەش، تىرىشچان بولۇپ، ئۆمرى تۈرمىلەردە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنداق شائىرلار يۈزلەپ سانىلىدۇ «.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىمۇ ھېچ بىر سوت-سوراقسىز تۈرمىلەرگە، جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىرلا گۇناھى-بۇ ھەقىقەتنى تەسۋىرلىگەنلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.