تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئابدۇلقادىر ياپچان شەرتلىك قويۇپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئۈستىدىن ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيىدا 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 10:00 دا سوت ئېچىلىپ، شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلدى.

سوت جەريانىدا ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيىنىڭ ئالدىغا ئەر-ئايال بولۇپ يۈزلەرچە ئۇيغۇر جامائىتى توپلاندى. ئۇلار «ئابدۇلقادىر ياپچانغا ئەركىنلىك»، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى. سوت زالىغا ئۇيغۇرلاردىن پەقەت 30 كىشىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلگەن بولۇپ، قالغانلىرى سىرتتىكى مەيداندا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن شوئارلار توۋلاشنى داۋاملاشتۇردى.

بۇ قېتىمقى سوتتا ئابدۇلقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېچ قانداق بىر جىنايىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزى ئۈستىدىكى نازارەتنى بىكار قىلىشنى ۋە ئەركىنلىككە چىقىشنى تەلەپ قىلدى. سوت مەھكىمىسى ئاخىرىدا ئابدۇلقادىر ياپچاننى ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجى ناھىيىسىنىڭ چېگراسىدىن چىقماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋا قىلغان مەسىلە توغرىسىدا 9-ئاينىڭ 26-كۈنى قايتىدىن سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ كۈچۈكچەكمەجى ناھىيىسىنىڭ چېگراسىدىن سىرتقا چىقماسلىقنى شەرت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا باش مۇپەتتىش تەرەپتىن ئېتىراز بىلدۈرۈلۈپ، ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ كۈچۈكچەكمەجە ناھىيىسىگە قاراشلىق فەۋزىچاقماق مەھەللىسىدىن سىرتقا چىقماسلىقى تەلەپ قىلىندى. باش سوتچى ئاخىرىدا ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ ئۆيى جايلاشقان فەۋزىچاقماق مەھەللىسىدىن سىرتقا چىقماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىل بۈگۈنكى سوت جەريانى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى سوتتا ئابدۇلقادىر ئەپەندىنىڭ چەكلىك بىر ئەركىنلىكى بولدى. بۇ سوتتا مەھكىمە بىر ئاز بولسىمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر قارار بەردى. يەنى ئابدۇلقادىر ئەپەندىنىڭ تېكىرداغ كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش قارارىنى بىكار قىلدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ كۈچۈكچەكمەجى ناھىيىسىنىڭ چېگراسى ئىچىدە تۇرۇشى ھەققىدە قارار بېرىلگەن ئىدى، بىراق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈردى. كۈچۈكچەكمەجى تەۋەسىنى ئابدۇلقادىر ئەپەندى ئۈچۈن چوڭ كۆردى بولغاي، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى فەۋزىچاقماق مەھەللىسى بىلەن چەكلەپ قويدى. بىزنىڭ بۇ دېلو توغرىسىدىكى دەۋايىمىز داۋام قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىمىز. ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرز-دەۋايىمىز قىلىۋاتىدۇ.»

ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئابدۇلقادىر ياپچان ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزلىرى سەۋەبىدىن ئۇنى ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان نازارەتتە تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى، ئەمما مۇشۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ ئاتالمىش جىنايىتى ھەققىدە ئۈچۈن دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمەكچى ئىدى، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتەلمىدى. بىزمۇ سوت مەھكىمىسىگە خىتاي تەرەپ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوچۇق بىر قارار بېرىڭلار، دېدۇق. بىز يەنە خىتايغا 3-5 ئايلىق بىر مۇددەت بېرىپ، ئەگەر شۇ مۇددەت ئىچىدە دەلىل-ئىسپاتلارنى كەلتۈرەلمىسە خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىڭلار، ئەسلىدىنلا ئاساسى يوق بۇ دەۋاغا خاتىمە بېرىلسۇن، دەپ تەلەپ قىلدۇق. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، سوت مەھكىمىسى بۇ جەريان مۇشۇنداق داۋام قىلسۇن، دېدى. بۇ دەۋا بىر كۈنى چوقۇم ئايدىڭلىشىدۇ.»

ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابدۇلقادىر ياپچان ھەققىدە 2019-يىلى 26-سېنتەبىر كۈنى قايتا سوت ئېچىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئابدۇلقادىر ياپچان ئادالەت سارىيى ئالدىدا توپلانغان خەلق ئاممىسىغا سۆز قىلدى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى 2003-يىلىدىن بۇيان قارىلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلقادىر ياپچان سۆزىدە يەنە «ئەگەر تۈركىيەدە كىم بىزنى خىتايغا قايتۇرسا، ئۇ ئوسمانلى روھىنى دەپسەندە قىلغان، ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ۋە ئىمانىنى قايتۇرغان بولىدۇ،» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون ئىنسان ھازىرمۇ جازا لاگېرلىرىدا سولىنىپ تۇرماقتا، ھەر خىل جازا ۋە ئىسكەنجىلەرگە ئۇچرىماقتا. نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ئېنىقسىز، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمايۋاتىدۇ.»
ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر خىل زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلەرگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مىللىي دەۋا يولىدىن ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز.»

چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيى ئالدىدا خەلق ئاممىسىغا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئابدۇلقادىر ياپچان توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرى ۋە ئىدېئولوگىيەسىدىن قورقۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئابدۇلقادىر ياپچان ھەققىدە 6 تۈرلۈك جىنايەت ئارتقان ماتېرىياللارنى بەرگەن ۋە ئابدۇلقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىلگەن ۋە 15 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇلقادىر ياپچان 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.