دوكتورانت ئابدۇلخەبەر مىرزەخمەت نانو ماتېرىياللىرى بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-12-10
Share
دوكتورانت ئابدۇلخەبەر مىرزەخمەت نانو ماتېرىياللىرى بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلغان ياپونىيە چىبا ئۇنىۋېرسىتېتى نانو ماتېرىياللىرى كەسپىىنىڭ دوكتورانت ئوقۇغۇچىسى ئابدۇلخەبەر مىرزەخمەت.
RFA/Erkin Tarim

ياپونىيە چىبا ئۇنىۋېرسىتېتى نانو ماتېرىياللىرى كەسپىىنىڭ دوكتورانت ئوقۇغۇچىسى ئابدۇلخەبەر مىرزەخمەتنىڭ بىر پارچە ماقالىسى 8-دېكابىر كۈنى دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ تەتقىقات ماقالىسىنىڭ فىزىكا ۋە ماتېرىيال ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 10 ئىلمىي ژورنالدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «ئىلغار ماتىرىياللار» (Advanced Materials) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى سۆيۈندۈردى.

«ئېرىتمە ئۇسۇلى ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان نېپىز پەردىنىڭ ئاخىرلاشتۇرغۇچىسى-ئېلېمېنتلارنى ئېلېكترون سپېكتروسكوپ ئارقىلىق بايقاپ چىقىش» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدە يېقىندىن بۇيان قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە ساھاسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان پروۋىسكىت قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەگە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ماتېرىيالنىڭ ئېرىتمە ئۇسۇلى ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان نېپىز پەردە ياكى نېپىز فىلىمنىڭ ئەڭ ئۈستىنىڭ قانداق ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى، يەنى ئەڭ ئۈستىدە قايسىي ئېلېمېنتلار بارلىقى ئىنتايىن ئاسان ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئېنىقلاپ چىقىلغان.

بىز مەزكۇر ئىلمىي ماقالە توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ماقالىنىڭ ئاپتورى دوكتورانت ئابدۇلخەبەر مىرزەخمەت ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ ئالدى بىلەن ماقالىسى ئېلان قىلىنغان «ئىلغار ماتېرىياللار» ناملىق ژورنالنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون ئىلمىي ژۇرنال قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

Abduxeber-Mirzahmet02.jpeg
ئابدۇلخەبەر مىرزەخمەتنىڭ 2020-يىلى 8-دېكابىر كۈنى «ئىلغار ماتىرىياللار» (Advanced Materials) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى.

ياپونىيەدە نانو ماتېرىياللار كەسپىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئابدۇلخەبەر ئەپەندى ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئۇ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدە تېپىپ چىققان ماتېرىيالنىڭ باتارىيەنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ۋەتەندە قوللىنىشچان خىمىيە كەسپىدە باكلاۋورلۇق، يۇقىرى مولېكولا فىزىكىسى كەسپىدە ماگىستېرلىق ئوقۇغاندىن كېيىن، ياپونىيەگە كېلىپ نانو ماتېرىياللار كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇشى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

بىزنىڭ «نېمە ئۈچۈن بۇ تېمىدا ئىزدەندىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئابدۇخەبەر مىرزەخمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى قىزىقىشىدىن باشلاپ سۆزلەپ بەردى.

ئۇ بالىلىق چېغىدىن تارتىپ كەشپىياتچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇشقا باشلىغان. ئۇ بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا نانو تېخنولوگىيەسى تەتقىقاتى ئەڭ قىزىق ساھەلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ئىنتايىن ئاز ئىكەن. ئەنگىلىيەدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇربانجان بارات ئەپەندى «ئىلغار ماتېرىياللار» ژورنىلىنىڭ دۇنيا تەبىئىي پەن ساھەسىدە تەسىرىنىڭ زور بىر ژۇرنال ئىكەنلىكىنى، ئابدۇلخەبەر مىرزەخمەتنىڭ تەتقىقات ماقالىسىنىڭ مەزكۇر ژورنالدا ئېلان قىلىنىشىنىڭ زور بىر ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.

ئابدۇلخەبەر مىرزەخمەت ئەپەندى 2016-يىلى 10-ئايدا ياپونىيە چىبا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نانو ماتېرىياللار كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا باشلىغان بولۇپ، كېلەر يىلى پۈتتۈرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت