تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان تارىخشۇناس ئابدۇقادىر دونۇك ۋاپات بولدى
2022.08.26
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىدىن دەم ئېلىشقا چىققان، تۈرك تارىخى ۋە ئۇيغۇر ئېلى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان تارىخشۇناس، پروفېسسور ئابدۇقادىر دونۇك 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى 74 يېشىدا ئىستانبۇلدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 25-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇل-فاتىھ جامەسىدە ئوقۇلدى. جىنازا نامىزىغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى باش مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى، مەرھۇمنىڭ دوستلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى. مەرھۇمنىڭ مېيىتى، ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ئادانادىكى ساغكايا يېزىسىدا دەپنە قىلىندى.
ئومۇمىي تۈرك تارىخى ئۇقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان پروفېسسور دوكتور ئابدۇقادىر دونۇك، ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىمىي قوللىغۇچىسى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى.
مەرھۇم پروفېسسور ئابدۇقادىر دونۇك، «تۈرك ھۆكۈمدار»، «تۈرك دۆلىتىدە ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى»، «قەدىمكى تۈركلەردە دۆلەت ۋە تەشكىلاتى»، «تۈركلەر ۋە مۇڭغۇللاردا مەجلىس ئادىتى»، قاتارلىق ئونلىغان كىتاب يازغان.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك، «تۈركلىك مۇجاھىدى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن»، «قەشقەرلىك مەخمۇتلار ئۆلمەيدۇ»، «تۈركلەردە ۋەتەن سۆيگۈسى» دېگەنگە ئوخشاش ئونلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا مەرھۇمنىڭ يېقىن دوستلىرى ۋە بىر قىسىم تەشكىلات ۋە ئورگانلار تەزىيەنامە ئېلان قىلدى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قاتارلىق تەشكىلات ھەم ئورگانلار رەسمىي تىۋېتتىر سەھىپىلىرىدە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇغا چۆمگەنلىكىنى ئىپادىلەپ تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.
پروفېسسور ئابدۇقادىر دونۇك، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «خىتاي ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە قول ئاستىغا ئېلىۋالغان خەلقلەرنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى، بىراق ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىققان لىدېر ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دۇنيا جامائەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنىدى».
مەرھۇم بىلەن ئۇزۇن يىل يېقىن ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى، مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بارغان خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەرھۇم رەھبەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن يېقىن ئۆتكەن ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشقان شەخسلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىنلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ سۆزلىگەن ياكى رىياسەتچىلىك قىلغان».
بىز يەنە مەرھۇم ھەققىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى شۇنداقلا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەرھۇمنىڭ ئوقۇغۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئۆمەر قۇل مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇقادىر دونۇك ئۇستازدىن ئايرىلىپ قالدۇق، مەن ئۇنىڭ بىلەن 2002-يىلى ئىستانبۇلغا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشقا كەلگەن ۋاقتىمدا تونۇشتۇم، يىغىنلارغا بىرلىكتە باراتتۇق، مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ مەرھۇم ماڭا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك، ئوسمان باتۇرغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ مەرھۇمنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل قويۇشقان باشلىدىم. مەرھۇم ئابدۇقادىر دونۇك ماڭا ئوخشاش كۆپلىگەن ئوقۇغۇچى يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ ئەس-يادى تۈرك دۇنياسى خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىدى. مەندىن ئىلگىرى يەنە ئابدۇللا باكىر ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىغا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ۋەزىپە قىلغانىدى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى قاچان بىرەر يىغىنغا دەۋەت قىلسا ئاكتىپچانلىق بىلەن كېلەتتى ۋە يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۆز قىلاتتى ياكى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئىشخانىسى زىيارەتچىلەر بىلەن ئاۋات بولۇپ كېتەتتى، زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستانلىق ئىدى، ئۇنىڭ ئەسلىمۇ تۈركىستاندىن كەلگەن قاراقالپاق تۈركلىرىدىن ئىدى. تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىدا ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلمايتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈركپەرۋەرلىك مۇھىم ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىغا ئەھمىيەت بېرەتتى، ھېچ كىمنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيتتى، ئاللا رەھمەت قىلسۇن، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن»
پروفېسسور ئابدۇقادىر دونۇك 1948-يىلى ئادانا شەھىرىنىڭ جەيلان ناھيەسىگە قاراشلىق كىرمىت رايونىدا تۇغۇلغان. 1968-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تارىخ بۆلۈمىگە قوبۇل بولۇپ 1972-يىلى 6-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. كېيىن تارىخشۇناس ئىبراھىم كافەسئوغلىنىڭ يېنىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئومۇمىي تۈرك تارىخى توغرىسىدا ئوقۇشقا كىردى. 1978-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدى ۋە تۈرك تارىخى مەجمۈئەسى كۇتۇپخانىسىدا ياردەمچى مەمۇر بولۇپ خىزمەت باشلىدى. 1980-يىلى ئۆز ئىمكانىيىتى بىلەن ئامېرىكاغا بېرىپ كولومبىيە ئۇنىۋېرىستېتىدا ئالتە ئاي ئۆزىنىڭ كەسپى ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. كېيىن ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىدە پروفېسسور بولۇپ خىزمەت قىلدى. ئۇ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىدا مۇدىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، 2016-يىلى خىزمەت قىلىش ۋاقتى توشۇپ دەم ئېلىشقا چىققانىدى.