يېقىندا ياپونيەنىڭ داڭلىق خەۋەر قاناللىرىدىن بىرى بولغان NHK خەۋەر قانىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بەرگەن.
رادىيومىز 2018-يىلى ئاپرىلدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2018-يىلى 29-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى دەلىللىگەن ئىدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ياپونيەدە تۇرۇشلۇق قىزى بۇلبۇلناز ئالدىنقى ئايدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە «كۈنىمىزدە كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» توغرىسىدىكى پائالىيەتتە دادىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
بۇلبۇلناز NHK خەۋەر قانىلىغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە، ئۇ ئەزەلدىن سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر مەسىلىلەردىن ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئاساسلىق ئىلمىي ئەسەرلەر بىلەن مەشغۇل بولاتتى. دادام كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بىر كىشى ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى.»
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئوغلى بابۇر ھەدە-ئىنى ئىككىيلەننىڭ ئۆز ئىمكانلىرىنىڭ يېتىشىچە دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپندىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دادىسى تۇتۇپ كېتىلىپ ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، دادىسىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقنى ئېيتتى.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئېلان قىلغان 2020-يىللىق «يېزىش ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي يەنە يازغۇچى، زىيالىي ۋە تەتقىقاتچىلار ئەڭ كۆپ قامالغان دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتقا قاماقتىكى 40 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى كىرگۈزۈلگەن.
بابۇرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى دادىسىنى تۇتۇپ كېتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ دادىسىنىڭ يازغان بارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە باشقا بارلىق ئۇيغۇرچە ماتىرىياللارنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ھەتتا ئۆيدىكى كومپىيۇتىر، ئايپەد، تېلېفۇن قاتارلىق ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىمۇ يېغىۋالغان.
خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا تارقاتقان «كۆلەڭگىدىكى ئۇرۇش: شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدىكى خىرىسلار» ناملىق فىلىمدە كۆرسىتىلىشىچە، 2003-يىلى تارقىتىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان يالقۇن روزى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە مەسئۇل كىشىلەرنى ھەرخىل جىنايەتلەر بىلەن جازالىغان. گەرچە بۇ فىلىمدە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان ئىكەن.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان كەسىپداشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئەل سۆيگەن، ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىر، ئەدىپ، پىداگوگ بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى، ئەدەبى ئەسەرلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي تىلىدا نەشىر قىلىنغان دۇنياۋى داڭلىق ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئالى مەكتەپتە ماگىستېر ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، نۇرغۇن جەمىئيەتكە ياراملىق ئىلىم ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرگەن.
بابۇر دادىسى يازغان، تۈزۈشكە قاتناشقان بارلىق كىتاپلارنىڭ خىتاي قانۇنلۇق دەپ ئېتىراپ قىلغان نەشىرىياتلاردا خىتاي تەيىنلىگەن تەھىر-مۇھەررىلەرنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن نەشىر قىلىنغانلىقنى تەكىتلىدى. ئاخىرىدا بابۇر خىتاي دائىرلىرىدىن دادىسىنڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدى.
2020-يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ لاگېردا تۇرۇپ يازغان ۋە نامەلۇم بىر شەكىلدە لاگېر سىرتىغا تارقالغان «يانارىم يوق» سەرلەۋھىلىك شېئىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ ناھايىتى تىز تارقالدى. بۇ ئەسەرنى ئەڭ دەسلەپ قولغا چۈشۈرگەن كىشى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماگيىستېر ئاسپىرانتى، خارۋارد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى، يەھۇدى تەتقىقاتچى جوشۇا فرىمەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر شىئېرنى چۆرىدەپ ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە دۇنيادا ئەڭ داڭلىق گېزىتلەردىن «نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» دا ماقالە ئېلان قىلدى.
جوشۇا فرىمەن ماقالىسىدە شائىرنى تۇتقۇن قىلغىلى بولغان بىلەن شېئىرىنى «تۇتقۇن» قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن نۇقتىنى يورۇتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي مېنىڭ پروفېسسورۇمنى جىمىقتۇردى، ئەمما ئۇنىڭ شېئىرىنى جىمىقتۇرالمايدۇ. خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقى ئالدىدا شېئىر گەرچە ۋەزىيەتكە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ بىر كۈچلۈك قارشىلىق قورالىدۇر.»