2020-يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» سەرلەۋھىلىك شېئىرى چەتئەلدە تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى تونۇلغان تۈركولوگ، تىلشۇناس، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇدىرى پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغاندىن سىرت بۇ شېئىر توغرىسىدا «چارىسىزلىكنىڭ مىسرالارغا تۆكۈلۈشى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالە ئەنقەرەدىكى مىللىي چۈشەنچە مەركىزىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ماقالە تۈركىيەدە قاتتىق تەسىر قوزغىدى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ساندا تور گېزىتىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىپ، كىشىلەر ناھايىتى تەسىرلىك ئىنكاسلار ئېلان قىلدى.
بىز ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ مەزكۇر ماقالىسى توغرىسىدا ئۆزى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شېئىرىغا يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ شېئىر 21-ئەسىردىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شېئىر دۇنياغا 21-ئەسىردىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن ۋە كەلگۈسىگە يەتكۈزىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئەسەر. ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، ھېس-تۇيغۇنى ئۆلتۈرمەك ئىستىسىمۇ ئۆلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، شېئىرنىڭ بىر جانلىققا ئوخشاش نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نادىر ئەسەر» .
پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ماقالىسىدە «يانارىم يوق» دېگەن ماۋزۇ ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «شائىر ئەمەلىيەتتە ‹يانارىم يوق، قايتىپ چىقىشىمنىڭ ئىمكانى يوق› دەيدۇ. ئۇ ئۆيىگە، يېقىنلىرىغا قايتىشنى خالايدۇ، ئەمما قايتىپ كېلەلمەيدۇ، يەنى قايتىش يوق. ئۇ بىر نەچچە يىل مۇشۇنداق يەرگە تاشلانغان بولۇپ، تامنىڭ يوچۇقى ئارقىلىقلا پەسىللەرنىڭ ئالماشقانلىقىنى بىلەلىگەن. ئۇ ئائىلىسىدىن، يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغىنىغا ئوخشاش، يېغىۋېلىش لاگېرىنىڭ سېپىل تېمىنىڭ سىرتىدىكى گۈل-چېچەك، تەبىئەت دۇنياسىدىنمۇ تامامەن خەۋەرسىز قالغان. سېغىنىش تۇيغۇسى سۆڭەكلىرىدىن ئۆتۈپ ئىلىكلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. زىنداندىكى يالغۇزلۇق، جان-جىگەر يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئالالماسلىق، ئىنسانلىق غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى مىسرالارغا نە قەدەر چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن-ھە!» .
تونۇلغان تۈركولوگ ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «چارىسىزلىكنىڭ مىسرالارغا تۆكۈلۈشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» ماۋزۇلۇق شېئىرىدىكى مەن كىم ئىدىم؟ نېمە بولدۇم، بىلەلمىدىم؟»، دېگەن مىسرانى تەھلىل قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «‹مەن كىم ئىدىم، نېمە بولدۇم، بىلەلمىدىم›. بىز كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى تارتىۋالىدىغان رەھىمسىز رېئاللىققا دۇچ كەلدۇق. خىتايلارنىڭ قىسىق كۆزلىرى، قاڭشارلىق، كۆزلىرى چوڭ ئۇيغۇر، قازاقلارنى ۋە تىبەت ھەم موڭغۇللارنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايۋاتىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق خىتايلارنىڭ تارىخىدا بار بولغان بىر كېسەللىك. دەل 1288 يىل ئىلگىرى، بىلگە قاغان بۇ گېننى بايقىغان ۋە ئۇنى ‹ئۇرۇغسىراتماق›، يەنى ‹نەسەبىنى قۇرۇتۇش› دەپ ئاتىغان. 732-يىلى دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن يىل. بۇ سۆزنى بىلگە قاغان ئىشلەتكەن. ئابدۇقادىر جالالىدىن ھازىر ئۇنى ‹پەلەكنىڭ خۇي پەيلى› دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى ‹پەلەك› خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئادىتىنى-خۇيىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا كىشىلەرنى قاراڭغۇ زىندانلارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئۇنتۇشقا تاشلاپ قويۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇلۇش. شائىر؛ ‹كىمگە دەيمەن دىل سۆزۈمنى، دېيەلمىدىم› دەيدۇ، دېمەك ئىنسان كۆڭۈل سۆزلىرىنى ھېچكىمگە دېيەلمەيدىغان يەر بارمۇ دۇنيادا؟ بار؛ قەشقەردە، خوتەندە، قۇمۇلدا، تۇرپاندا، ئۈرۈمچىدە، غۇلجادا، ئالتايدا بار».
ئۇ، ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «شائىرمۇ ئەمدى گۈزەل چۈشلەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئارزۇلىرى قاراڭغۇ زىندانلاردا تارمار قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ھېسسىياتى قارا ئۆڭكۈرلەردىن مۆجىزىلىك بىر شەكىلدە تاشقىرىغا چىقىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى گاس قۇلاقلارنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ شېئىرنى تارقىتىشى، ھەتتا ئابدۇقادىر جالالىدىننى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».
داڭلىق شائىر يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىنىڭ تۈركىيەدە بۇنداق تەسىر كۆرسىتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ مەزكۇر شېئىر توغرىسىدا داڭلىق تۈركولوگ پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يازغان «چارىسىزلىكنىڭ مىسرالارغا تۆكۈلۈشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا قوشقان تۆھپىسى زادى نېمە؟ ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىر قانچە يىل بۇرۇن داڭلىق دۇتارچى ئابدۇرېھىم ھېيت ئورۇنلىغان «ئۇچراشقاندا» ناملىق ناخشىسى، تۈركىيەدە زور تەسىر قوزغىغانىدى. ھازىر تۈركىيەدە بۇ ناخشىنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىش قىيىن، بۈگۈنكى كۈندە داڭلىق شائىر يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرى دۇنيادا شۇنداقلا تۈركىيەدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ كۈچىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.