تۈركىيە سوت مەھكىمىسى ئابدۇقادىر ياپچانغا قاراتقان نازارەتنى بىكار قىلدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن، يەنى 11-مارت پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيى، يەنى سوت مەھكىمىسىدە ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىلىپ ئۇنىڭ ھەققىدە ئىلگىرىكى سوتتا ئېلىنغان «نازارەت ئاستىدا تۇرۇش، مەھەللە سىرتىغا چىقماسلىق» توغرىسىدىكى قارار بىكار قىلىندى ۋە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلىرىدا ئەركىن يۈرەلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بىراق ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئاقلىنىپ، سوتنى بىكار قىلىش ياكى قارىلىنىشتىن ئىبارەت ئىجابىي ياكى سەلبىي جەھەتتە بېرىلىدىغان ھۆكۈمنىڭ كېلەر ئاي ئىچىدە قايتا سوت ئېچىلىپ ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىز ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى بۆلۈش سۈپىتىمىز بىلەن سوتقا قاتنىشىپ ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان سوتنى كۆزىتىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. سوت مەھكىمىسى زالىدا ئۈچ سودىيە، بىر باش مۇپەتتىش، ئابدۇقادىر ياپچان ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى ھەم ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يېقىنلىرىدىن بىر قانچە ئۇيغۇر بولدى.

سوتتا ئالدى بىلەن باش مۇپەتتىش سۆز قىلىپ، ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىنىڭ ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزىرىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنى ئەيىبلەشتىكى دەلىل-پاكىتنىڭ تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ سوتنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ۋە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئابدۇقادىر ياپچان سوتتا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى جىنايەتچى دەپ تۆھمەت چاپلايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئادالەتسىز تۈردە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەركىن قويۇپ بېرىلىشىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ ئۇنىڭدىن ماددىي ۋە مەنىۋى بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى سوتتا سۆز قىلىپ، ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان شىكايەتلەرنىڭ دەلىل-ئىسپاتى يوقلۇقىنى ۋە بۇ سوتنى بىكار قىلىشنى شۇنداق ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

باش سوتچى ياردەمچىلىرى بىلەن 5 مىنۇت ئۆز-ئارا مەسلىھەت قىلغاندىن كېيىن ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇ سوتنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ۋە كېلەر ئاي ئىچىدە قايتا ئاچىدىغانلىقىنى، بىراق ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئۈستىدىكى نازارەتنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەھەللىسىدىن سىرتقا چىقماسلىق توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭمۇ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە باش سوتچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ سوتچى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئاخباراتلارغا سۆزلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئابدۇقادىر ياپچان ۋە ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىن شۇنداقلا سوت جەريانىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى بۈگۈنكى سوت قارارى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «باش سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپسىلىي ئىزاھاتىدا، خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ ئىجابىي شەكىلدە رەت قىلىنغانلىقى ئەنگە ئېلىندى. ئەمەلىيەتتە قانۇنىي جەھەتتىن ئىجابىي بولۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، خىتاينىڭ قىلغان ئەرز-شىكايەتلىرى ئاساسىي يوق يالغان-ياۋىداق ھېكايە-چۆچەكتىن ئىبارەتتۇر. خىتاي ئىسپاتسىز، قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى. بۇنداق قۇرۇق سەپسەتىلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ ئەيىبلىنىدىغان ۋە قايتۇرۇۋېتىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ قانۇندا سىياسىي مەسىلىسى بولغانلارنى قايتۇرۇش چەكلىنىدۇ. پرىنسىپال بىرەر كەمچىلىكنىڭ كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن مەھكىمە ئاخىرقى قارارىنى يەنە بىر ئاي ئارقىغا سۈردى. بىراق ‹نازارەت ئاستىدا تۇرۇش، مەھەللە سىرتىغا چىقماسلىق› توغرىسىدىكى قارار بىكار قىلىندى. يەنى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى بۇنىڭدىن كېيىن مەھەللىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ خالىغان شەھەرگە بارالايدۇ».

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ سوتتا ئۆزىنىڭ ئۈستىدىن خىتاينىڭ تۈركىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان تۆھمەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى. ئۆزىنىڭ قەشقەر ياپچانلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي بولسا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان ئىشغالچى، تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇ يەردە ياشاش ھەققى يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى نازارەت ۋە چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ۋەتەنداشلىق يەنى پۇقرالىق بېرىلىشى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ماددىي ۋە مەنىۋى تۆلەم تۈلەشنى باش سودىيەدىن تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ سوتقا سىرتتىن قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سوت جەريانى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ قېتىمقى سوتنىڭ ئىلگىرىكى سوتلارغا قارىغاندا ئىجابىي جەھەتتە ياخشى بولغانلىقىنى، نازارەت ۋە چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى بولۇپمۇ باش مۇپەتتىشنىڭ بۇ داۋانى بىكار قىلىنىشنى باش سودىيەدىن تەلەپ قىلىشى ياخشى ئىلگىرىلەش بولدى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بىر ئايدىن كېيىن قايتا ئېچىلىدىغان سوتتا كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.