8-ئاپرىل كۈنى تۈركيە سوت مەھكىمىسى ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابىي ئابدۇلقادىر ياپچان ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىپ، خىتاينىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. سوت مەھكىمىسى ئابدۇقادىر ياپچان دېلوسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ۋە ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئابدۇلقادىر ياپچان، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى مەھمەت ئەنەس ئەپەندى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئادۋوكات مەھمەت ئەنەس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى سوتتا خىتاينىڭ ئابدۇلقادىر ئەپەندىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپى سوتچى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. بۈگۈن بۇ داۋا نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى. ئىلگىرىكى سوتتا ئابدۇلقادىر ئەپەندىنىڭ چەت ئەللەرگە چىقىشى چەكلەنگەن ئىدى بۇ بۇ قېتىمقى سوتتا بۇ قارارمۇ بىكار قىلىندى. ئابدۇلقادىر ئەپەندى ئەمدى ئەركىنلىككە چىقتى، مۇبارەك بولسۇن!»

جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى بۇ قارار توغرىسىدا توختىلىپ: «بۈگۈن خىتاينىڭ تۆھمەتلىرى، يەنى بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھىيلە-مىكىر ساختىپەزلىكىنىڭ ھەممىسى بەربات بولدى،» دېدى.
ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سۆزىدە يەنە «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى مەۋجۇدىيىتىگە ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئورتاق كۈچ ھاسىل قىلىشىمىز لازىم،» دېدى.
بۈگۈن ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ سوتىغا قاتناشقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ تۆت يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ يالغان دەلىللەر بىلەن «تېرورچى» دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق تۈركىيەدىن ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بۇ تۆت يىل جەرىيانىدا بىر قانچە قېتىم سوت ئېچىلغانلىقى، بۈگۈنكى سوتتا خىتاينىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنىڭ باش سوتچى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى، ئابدۇلقادىر ياپچان ئۈستىدىكى پۈتكۈل چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تۈركىيە سىرتىغا بېرىپ-كېلىشنىڭمۇ ھېچ قانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغانلىلىقى، بۇ داۋانىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن يېپىلغانلىقىغا دائىر قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ قارارنىڭ يالغۇز ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك بىر قارار دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش «جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامى» نىڭ كۈنتەرتىپتە بولۇۋاتقان پەيتتە ۋە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ يېقىندا تۈركىيەگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ئارقىسىدىنلا بۇنداق بىر قارارنىڭ چىقىشى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە سەزگۈرلۈكىنى دىققەتكە ئالغان ھالدا يۇل تۇتۇپ مېڭىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى توغرىسىدىكى بۇ قارارنىڭ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن بەك مۇھىم ۋە چوڭ بىر ئۇتۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ ئىلگىرى ئابدۇقادىر ياپچاننى «جىنايەتچى» دەپ تۆھمەت ئارتىپ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىلگەن ۋە 18 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇلقادىر ياپچان 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، تۈركىيەگە بىرىنچى قېتىم 2016-يىلى ۋە 2019-يىلى 5 بەتلىك؛ 2020-يىلى 6-ئايدا 68 بەتلىك ئەيىبنامە سۇنغان. خىتاي تەرەپنىڭ ئۇ ئەيىبلەشلىرى تۈركىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايەت ئارتىشقا دەلىل ئىسپات بولالمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتايدىن قايتا دەلىل-ئىسپات تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپ ھېچ قانداق دەلىل-ئىسپات كەلتۈرەلمىگەن. شۇندىن كېيىن تۈركىيە سوت مەھكىمىسى 8-ئاپرىل كۈنىدىكى سوتتا خىتاينىڭ ئابدۇلقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى ئۈستىدىكى سوت بىكار قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقى ھەققىدە قارار بېرىلگەن.
