يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار ۋە ئۇنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» ناملىق تارىخىي رومانى

0:00 / 0:00

2020-يىلى 12-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ 85 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قايغۇلاندۇردى.

يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار ئۆزىنىڭ 1980-يىللاردا يازغان ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومانى «ئىلى دولقۇنلىرى» بىلەن تونۇلغان ئەدىبلىرنىڭ بىرى ئىدى.

«ئىلى دولقۇنلىرى» ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا 1940-يىللاردىكى ئىلى ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە دائىر ۋەقەلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان تۇنجى تارىخىي رومان بولۇپ، 1980-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ سېتىلغان ۋە ئوقۇلغان تارىخى رومانلارنىڭ بىرىدۇر.

ئىككى ھەپتىدىن بۇيان مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ ۋاپاتىغا بولغان تەزىيەنامىلەر ۋە ئۇنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» ناملىق تارىخىي رومانى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەسىراتلار فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالماقتا.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرى ئابدۇراھمان قاھارنىڭ بۇ رومانىنى ئوقۇغان، ھازىر چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان چوڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرلىكتە ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» ناملىق رومان توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان.

بۇ يازمىلاردا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانىدىن 1940-يىللاردا نىلقا تاغلىرىدا پارتلىغان مىللىي ئىنقىلاپ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1944-يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىلگەنلىكى، مەزكۇر روماننىڭ شۇ يىللاردىكى ياشلارغا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىدىكى تارىخى شەخسلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى ياراتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى قىزى زۇلپىيە خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇراخمان قاھار ئەپەندى «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانىنى يېزىشنى 1964-يىلى باشلىغان ئىكەن. ئەمما روماننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى 1966-يىلى پارتلىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئىسيانچىلار تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن.

زۇلپىيە ئابدۇراخمان خانىم يەنە دادىسى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانىغا ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن، 1940-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىلى ئىنقىلابىغا قاتناشقان پىشقەدەم ئۇرۇش قەھرىمانلىرى ۋە تىرىك شاھىتلارنى ئىزدەپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا ئۆزى بىلىدىغان بەزى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

«دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسى» نىڭ باش كاتىپى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانى نەشر قىلىنغان 1982-يىلدىكى ۋەزىيەت ۋە روماننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» روماننىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىراتلىرىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانى ئەينى چاغدا ئۆزىگە ئوخشاش ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلى ئىنقىلابى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ مەلۇمات بەرگەن تارىخىي رومانلارنىڭ بىرى ھېسابىنىدىكەن.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى يەنە «ئىلى دولقۇنلىرى» ناملىق بۇ روماننىڭ تونۇلغان ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 1985-يىلى نەشر قىلىنغان «ئىز» ناملىق تارىخىي رومانى، ئەدىپ تۇردى سامساقنىڭ «5 تال ئوق» ناملىق تارىىىي ھېكايىسى، ئابدۇللا تالىپنىڭ «چالا تەگكەن ئوق» ناملىق رومانى، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 1998-يىلى نەشر قىلىنغان 3 توملۇق تارىخى «ئانا يۇرت» رومانى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدە دېگۈدەك ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىدىغان تارىخىي تېمىدىكى رومانلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇراخمان قاھار 1935-يىلى غۇلجادا ھۈنەرۋەن ئاىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجادا تاماملىغان. 1953-يىلى ئۈرۈمچىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان. 1956-يىلدىن 1988يىلغىچە غۇلجا شەھرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ۋە ئىلى پېداگوكىكا ئىنىستىتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1988-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىتىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، كەسپىي يازغۇچىلىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابىي» دەپ ئاتالغان 10 يىللىق قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە ئۇ باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا يېزىقچىلىق ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان. ئابدۇراخمان قاھارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن 1982-يىلى ۋە 1988-يىللىرى ئىككى قېتىم نەشر قىلىنغان ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومانى «ئىلى دولقۇنلىرى»، 1998-يىلى نەشر قىلىنغان «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»، «ھايات سىرى»، «كۆڭۈل»، «توزىماس گۈل» قاتارلىق رومانلىرىنى، «كەچۈر مېنى نازاكەت» قاتارلىق پوۋىست-ھىكايىلىرىنى ۋە باشقا ئەدەبىي خاتىرىلىرىنى ساناپ ئۆتۈش مۈمكىن.