يالغۇز كىشىلىك نامايىشچى ئابدۇرېھىم غېنى: 10 ئايدىن بۇيان ئۆزۈمنى يالغۇز ھېس قىلىپ باقمىدىم

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.04.22
Abdurehim-GHeni-01.jpg يالغۇز كىشىلىكى نامايىشچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 22- ئاپرېل. ئامىستېردام، گوللاندىيە.
RFA/Gülchéhre

ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىشىغا قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك شەكىللەردىكى پائالىيەتلىرى، بىر كۈنمۇ توختىماي داۋام قىلماقتا. جۈملىدىن، 2018-يىلى 6-ئايدىن بۇيان بادام دوپپىلىق بىر ئۇيغۇر ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا ھەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى يالغۇز كىشىلىك نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېھىم غېنى. ئۇنىڭ گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستېردام شەھىرىدە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يالغۇز كىشىلىك نامايىشىغا بۈگۈن دەل 10 ئاي توشتى.

22-ئاپرېل دۈشەنبە، گوللاندىيەدە پاسخا بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنىدە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ، ئابدۇرېھىم غېنى يەنىلا پلاكاتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئامستېردام شەھەر مەركىزىدىكى بۇ ساياھەت نۇقتىسىدا نامايىشىنى داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن.

ئابدۇرېھىم غېنى بايرام كۈنىدە ساياھەتچىلەرمۇ جىق، تېخىمۇ قاينام تاشقىنلىققا چۆمىدىغان بولغاچقا بۇ كۈننى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن نامايىشقا چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەندىلا ئۆزى ياشاۋاتقان سۇست شەھىرىدىكى يىگىرمە نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن تۈرك جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئامستېردامغا ۋېلىسىپىتلىك يېتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ نامايىشىغا ئاۋاز قوشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار 42 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى 3 سائەت ۋېلىسىپىتلىك بېسىش جەريانىدا، يول بويى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەشۋىقاتلار ئېلىپ بارغان. ئابدۇرېھىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ۋېلىسىپىتلىك قوللاش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار ئارىسىدا 3 ئايال، ھەتتا 2 ياشانغان كىشىمۇ بار بولۇپ، تۈرك قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئەمەلىي قوللاش ھەرىكىتى ئابدۇرېھىمنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرگەن. 

تۈرك جامائىتىنى تەشكىللەپ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋېلىسىپىت سەپىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى سالى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان قوشنا ئولتۇرۇش جەريانىدا ئابدۇرېھىمنى ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش بىر تۈرك ۋە بىر مۇسۇلمان شۇنداقلا شۇنىڭدەك ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئابدۇرېھىمغا مەدەت بېرىش بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا ئۇلارنى قوللاشنى ئۆزىنىڭ بىر ئىنسانىي مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا باشقا بىر ئىش قىلىپ بېرەلمىسەكمۇ، ئاۋازىغا ئاۋاز قېتىشنى ئويلىدۇق ۋە قېرىنداشلىرىمىز، دوستلىرىمىز بىلەن بۇ ئۇسۇلدا ۋېلىسىپىتلىك تەشۋىقات ئېلىپ باردۇق. بىز، بېرىپ-كېلىشى 80 نەچچە كىلومېتىرلىق يولنى ۋېلىسىپىتلىك تاماملىدۇق ۋە يەنە گۇرۇپپا بولۇپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇرلارنى تارقاتتۇق. ئۇيغۇرلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كىچىك بولسىمۇ بۇ پائالىيەتنى قىلدۇق، ئەگەر كۆپ بولساق ھەمكارلاشساق، پىلانلىق ئىش ئېلىپ بارساق تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايمىز. بىز بۇ ئارقىلىق قېرىندىشىمىز ئابدۇرېھىمغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ‹بىز يېنىڭلاردا›دەپ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىمىز. خىتاي ھاكىمىيىتىدىن، لاگېرلار دەرھال تاقالسۇن، ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلسۇن، ئۇلارغا ئىنساندەك ياشاش ئەركىنلىكى بېرىلسۇن دەپ تەلەپ قىلىمىز. بىز داۋاملىق ئىنسانلارنىڭ شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرگە تارتىشقا تىرىشىمىز ھەمدە بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز».

ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ھەر ھەپتە ئاخىرى ئوخشاش جايدا ئوخشاش ۋاقىتتا پلاكات ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى ئۆزى تەييارلاپ كېلىپ، بۇلارنى ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈش، تارقىتىش، ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئۇنى داۋاملىق كۆرۈپ كۆزىتىپ كەلگەن بەزى يەرلىك كىشىلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرگەن ھەتتا بەزىلىرى ئۇنىڭ نامايىشىغا مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ ئاۋاز قوشۇپ، بەزىلىرى ياردەملىشىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئابدۇرېھىمنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلارغا ئايلانغان ۋە ھازىر ئامستېردامدا ياشاۋاتقان تونېي ئەپەندى قىزغىنلىق بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ قالغانلىقى ۋە ئابدۇرېھىم بىلەن دوست بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئامستېردامدا ئېچىلغان بىر ئۇيغۇر رېستورانىدا تونۇشقان، كېيىن ئۇلارنىڭ ئامستېردامدا ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرىنى كۆردۈم، بارغانچە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قىزىقتىم. بولۇپمۇ ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ يالغۇز زېرىكمەي داۋاملاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ نامايىشى مېنى جەلپ قىلدى. ئابدۇرېھىمنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم ۋە بوش ۋاقىتلىرىمدا ئابدۇرېھىمغا ياردەم قىلىپ بۇ مەيدانغا كەلگەن كىشىلەرگە، ئۇيغۇرلارنى باشقا تىللاردا چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتىمەن. يېقىندىن بۇيان تۋىتتېرغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتىمەن. ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. مەن ۋە بىر قانچە دوستلىرىم بىلەن بىز نۆۋەتتە قانداق قىلىپ ئابدۇرېھىمغا شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ياردەم قىلالايمىز دەپ مۇزاكىرىلەشتۇق، ھەممىمىز بۇ مەسىلىنى خىتايلارنىڭ ئۆزىگە ئاڭلىتىشنى مۇھىم دەپ قارايمىز ۋە بۇنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىمىز. بىز يەنە ئۇيغۇرلار يولۇققان زۇلۇملار ھەققىدە ئابدۇرېھىمگە ياردەملىشىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېخىمۇ يۇقىرى ئىنكاس پەيدا قىلىشقا تىرىشماقچى». 

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بۇ سىمۋوللۇق يالغۇز كىشىلىك نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن گوللاندىيەگە زىيارەتكە كەلگەن كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاڭلىنىشىغا بەلگىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشىغا ئىلھام بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئابدۇرېھىم غېنى ئۆزىنىڭ ئاۋازسىز قالغان ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، مىليونلىغان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكىتىنىڭ بارغانچە قوللاشقا، ئەمەلىي ياردەملەرگە ئېرىشىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋە دوستلارنىڭ ياردىمى، قوللىشى ۋە مەدەتلىرى بولمىغان بولسا بۇ ھەرىكىتىمنى يالغۇز داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلمەيتتىم. ئۇلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلماي كەلگەچكە مەن 10 ئايدىن بۇيان ھېچ ۋاقىت ئۆزۈمنى يالغۇز ھېس قىلىپ باقمىدىم. دەسلەپ كىشىلەر ئۇيغۇرلار كىم دەپ سورىغان بولسا ھازىر ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى بۇنداق ئېغىر باستۇرىدۇ ؟ بىز سىلەرگە قانداق ياردەم قىلالايمىز ؟ دەپ سورايدىغان بولدى» دەيدۇ. 

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ ئەسلى يۇرتى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان بولۇپ، ئۇ، 2017-يىل 5-ئايدىن باشلاپ يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان. ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ گوللاندىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن باشلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان نامايىشلارغا قاتنىشىش ئاخىرىدا گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان ھازىرقىدەك يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا ئايلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.