ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەرھۇم شائىر، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا پروفېسسور ھۈليا كاساپئوغلۇ چېنگېل ۋە پروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار قاتارلىق تەتقىقاتچىلار سۆز قىلدى. 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەرھۇم شائىر، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىندا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھۈليا كاساپئوغلۇ چېنگېل، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار قاتارلىق تەتقىقاتچىلار سۆز قىلىپ، مەرھۇم يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇلار سۆزىدە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىدىكى ۋەتەن ۋە مىللەت ئۇقۇملىرى، خەلقنى ھۆررىيەت ۋە ئازادلىققا چاقىرىش، شۇنداقلا مىللەتنى ئويغىتىش توغرىلىق يېزىلغان يالقۇنلۇق مىسرالىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

پروفېسسور، دوكتور ھۈليا كاساپئوغلۇ چېنگېل، مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىدىكى ۋەتەن-مىللەت سۆيگۈسىنى تەسۋىرلەپ ئۆتتى. ئۇ مەرھۇمنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا يېزىلغان شېئىرلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ياشلارنى مىللىي چۈشەنچە ۋە مىللىي ئاڭ بىلەن يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور ھۈليا كاساپئوغلۇ چېنگېل، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ياشىغان دەۋر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىر تۇرغۇنلۇق دەۋرىگە كىردى، 1950-يىلىدىن 1970-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ھەر خىل ئاتالمىش ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلىرى ۋە سىياسىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا يېزىلغان مەدھىيەلەر، ئۈزۈندىلەر ۋە سىنىپىي كۈرەش تەشۋىق قىلىنغان سىياسىي ئەسەرلەر قاپلاپ كەتتى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھەقىقىي مەنىدىكى ئەسەرلەرگە چەكلىمە قويۇلدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ كوممۇنىست خىتاي رېجىمى مەزگىلىدىكى ھاياتى دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بۇ ۋەزىيەتنى ئۆز شېئىرىدا مۇنداق ئىپادىلىگەن:

قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى،

شامال دارىپ كېكەچ قىلدى تىلىمنى،

قۇلۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچمەن،

نېمەم بىرلە قىلاي رازى ئېلىمنى.

ئۇ بۇ شېئىرىدا، پۈتۈن غەم-قايغۇسىنىڭ خەلقىنى رازى قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى، ئەمما شۇ ۋەزىيەتتىكى بېسىم ۋە چەكلىمە سەۋەبىدىن خەلقى ئۈچۈن ھېچ بىر ئىش قىلالمىغانلىقى توغرىلىق ئەپسۇسلۇقلىرىنى ئىپادىلىگەن.»

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

پروفېسسور ھۈليا كاساپئوغلۇ چېنگېل سۆزىدە يەنە ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋردە ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلارنىڭ شۇنچە بېسىمغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ شېئىر ۋە ئەدەبىياتقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دەۋردە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە مەدەنىيەتكە قارشى يوق قىلىش ئىجرائاتلىرى ئېلىپ بېرىلدى، ئۇ دەۋردە ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلار، جۈملىدىن ئەخمەت زىيائىي، زۇنۇن قادىرى قاتارلىق ئەدىبلەر چەكلىك ئىمكانلىرى ئىچىدە ئەسەر يېزىشنى توختاتمىدى. مەن ئەخمەت زىيائىينى تىلغا ئالسام، ئۇنىڭ بىر شېئىرى ھەر زامان ئېسىمگە كېلىدۇ:

يۇرت-ئەل ئۈچۈن تارتقان ئەلەمنى،

شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك،

خەلق يولىدىكى بىر مىنۇت قايغۇ،

مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.

شائىر ئەخمەت زىيائىي بۇ شېئىردا مىللەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتنى شاھلىق تەختىگە تەڭ قىلمايمەن، خەلق يولىدىكى بىر مىنۇتلۇق قايغۇنى مىڭ يىللىق راھەتكە تەڭ قىلمايمەن، دەپ يازغان. ئۇلار ۋەتەن-خەلقى ئۈچۈن ئۆلۈمنى كۆز ئالدىغا قويۇپ كۈرەش قىلغان ئىنسانلاردۇر. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ ئاشۇلارنىڭ بىرى ئىدى.»

پروفېسسور ھۈليا كاساپئوغلۇ چېنگېل سۆزىدە يەنە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ چاغاتاي ئەدەبىياتى توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالىلەر يازغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندا ياشىغان بىر شائىر بولۇشىغا قارىماي، شېئىرلىرىدا تۈركىي كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ ئىجادىيەت مېتودلىرىنى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتى بىلەن ئورگانىك رەۋىشتە يۇغۇرۇپ تاشلىغان بىر شائىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئەخمەت زىيائىي ۋە باشقا كەسىپداشلىرى بىلەن بىلەن بىرلىكتە نەشرگە تەييارلىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پروفېسسور ھۈليا كاساپئوغلۇ چېنگېل مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ خەلقنى ئازادلىق ۋە ئەركىنلىككە چاقىرىپ يازغان شېئىرلىرىدىن ئەمەلىي ئۆرنەك كۆرسىتىپ، تۆۋەندىكى مىسرالارنى دېكلاماتسىيە قىلدى:

قەسەم بىللا سېنىڭدەك يارۇ-جانان تېپىلماس،

ۋەسلىڭ ئۈچۈن مېنىڭدەك شەيدائى جان تېپىلماس،

ئوماق نېمە، ھۆر نېمە، قۇياش نېمە، ئاي نېمە؟

ئالەم ئارا سېنىڭدەك ھۆسنۈ سۇلتان تېپىلماس.

پروفېسسور ھۈليا كاساپئوغلۇ چېنگېل خانىم مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ كلاسسىك ئۇسلۇبتا يېزىلغان شېئىرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ شېئىرلاردىن بۈيۈك تۈرك شائىرى ناۋائىنىڭ پۇرىقى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مۇنۇ شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى:

جاھان باقى ئەمەس لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،

مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان،

كېلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھېساب كارۋان،

ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،

ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇچراشقاندا» دېگەن شېئىرى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ شېئىرنىڭ ئەسلىدە 1933-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» گە بېغىشلىغانلىقى، شائىرنىڭ شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىدا يىمىرىلگەن جۇمھۇرىيەتكە بولغان سېغىنىشىنى بۇ شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلىگەنلىكى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىرادىسىنى بۇ شېئىر ئارقىلىق ئەكس-ئەتتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پروفېسسور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سۆزىدە يەنە مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇچراشقاندا» دېگەن شېئىرىدا قويۇق مىللىي ئاڭ ۋە مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىش تەسۋىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ شېئىرنى ناخشا قىلىپ ئېيتقان ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقى، تۈركىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۇنيانىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئۇنى تۇتقۇندىن بوشاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنىلا نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىنغا يەنە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل فاتىھ ناھىيەسى شۆبىسىنىڭ رەئىسى، زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى دوكتور ئادەم ئۇسلۇ ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن تۈركلەرنىڭ ئىككى ۋەتىنى بار، بىرى ۋەتىنىمىز تۈركىيە؛ يەنە بىرى تۈركلەرنىڭ ئەسلى كېلىپ چىققان تۇپراقلىرىدۇر. بىز تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىگە شاھىت بولدۇق؛ يەنە بىر قىسمى ھازىرمۇ ئاسارەت ئاستىدا تۇرماقتا، خۇدايىم بۇيرۇسا، ئاسارەتتە قالغان يۇرتىمىزنىڭمۇ ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىگە شاھىت بولىمىز، بىز شاھىت بولالمىغان تەقدىردە، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ چوقۇم شاھىت بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن!»

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org