ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت: ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىشى كېرەك

0:00 / 0:00

9-ماي شەنبە كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا شۆبىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە تەۋسىيەلەر» دېگەن تېمىدا تور ئارقىلىق لېكسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا مۇتەخەسسىسلەردىن دىلنۇر ئۆزتۈرك خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا شۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان كومپيۇتېر ئۇچۇر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا شۆبىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، مەزكۇر تېما بويىچە قاتناشقۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلىدى.

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى لېكسىيەسىدە ئاساسلىقى: بىخەتەر بولمىغان تور بەتلەرنى ئاچماسلىق، كومپيۇتېر ياكى يانفوننىڭ سىستېمىلىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇش، مەخپىي شىفىرلارنى (رەقەملەرنى) يازغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار، ناتونۇش كىشىلەردىن ھەتتا تونۇشلاردىن كەلگەن ئېلخەتنى ۋە ئېلخەتتكە كەلگەن رەسىم ۋەياكى ھۆججەتلەرنى، ئۇلىنىش ۋە چاپلىمىلارنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ ئاچماسلىق. مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئەپلەرنى ئىشلەتمەسلىك، ۋىرۇستىن، خاككېرلاردىن قوغدىنىش پروگراممىلىرىنى قاچىلاش، كومپيۇتېر، يانفوندىكى رەسىم، ھۆججەت، فىلىم ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا زاپاسلاپ تۇرۇش قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلاردا توختالدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خىتاي خاككېرلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ تور بەتلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنىدى. ئۆتكەن يىلى 9-ئايلاردا خىتاي دائىرىلىرىگە قاراشلىق خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئايفون، ئاندىرويىد يانفونلىرىدىن پايدىلىنىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى كۆزەتكەنلىكىنى، تېلېفونلىرىغا ئوغرىلىقچە رەسىم، ۋىدېيو ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغانىدى.

«فوربېس» ژۇرنىلىمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئاندرويىد ۋە «ئالما» شىركىتىنىڭ يانفونلىرىنىڭ ئوخشاشلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. ئۆتكەن يىلى 3-سېنتەبىر كۈنى «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەخسۇس چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلغان خاككېرلار ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار كۆپ زىيارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، تۈركىستان خەۋەرلىرى، تۈركىستان تېلېۋىزىيەسى ۋە ئىستىقلال خەۋەر تور بەتلىرى قاتارلىق 11 تور بەتكە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، بۇ تور بەتلەرنى زىيارەت قىلغان ئايفون ياكى ئاندرويىد تېلېفونلىرىنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندۇرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن. نەتىجىدە، بۇ تور بەتلەرگە كىرگەن يانفونلار جاسۇسلۇق ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ جاسۇسلۇق ۋىرۇسى ئايفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئايفونىدىكى مەۋجۇت بىخەتەرلىك بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، يانفوندىكى سۈرەت، قىسقا ئۇچۇر ۋە شۇنداقلا يەنە ۋاتسئاپ، تېلېگرامما قاتارلىق ئالاقە يۇمتاللىرىدىكى ئۇچۇرلىرىنى ھەمدە يانفون ئىگىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گوگۇل شىركىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىرۇسنى بايقاپ، ئەھۋالنى «ئالما» شىركىتىگە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ يىل 2‏-ئايدا ئايفوندىكى بۇ بوشلۇقنى ئېتىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئارىلىقتا زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ يانفونىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئوغرىلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

خىتاي خاككېرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قايسى شەكىلدە ئوغرىلايدۇ؟، ئۇيغۇرلار كومپيۇتېر ۋە يانفونلىرىدىكى ئۇچۇرلىرىنى قانداق قىلغاندا ئوغرىلىنىشتىن بىخەتەر ساقلىيالىشى مۇمكىن؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز، مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ تولۇقلىما قاراشلىرىنى ئالدۇق.

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تونۇشلارنىڭ نامىدا ئېلخەت ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرىدىغانلىقىنى، تور بەتلەرنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە ياكى بىخەتەر بولمىغان تور بەتلەرنىڭ ئىچىگە كود ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇ تور بەتنى ئاچقان زىيارەتچىلەرنىڭ تېلېفون ياكى كومپيۇتېرلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلايدىغانلىقىنى ۋە ياكى تېلېفون ياكى كومپيۇتېرلارنىڭ سىستېمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىدىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ بەردى.

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى، بىخەتەرلىك ئۈچۈن يانفونلارغىمۇ ۋىرۇسقا قارشى پروگرامما قاچىلاش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.