شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ «سەسسىزلىگىن ھىكايەسى»، يەنى «جىمجىتلىقنىڭ ھېكايەسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 5-ماي كۈنى تۈرك ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى «ئومجا» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 97 بەتلىك كىتابقا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدنىڭ 2015-يىلىدىن تارتىپ يازغان 75 شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ شېئىرلاردا ئاساسلىقى ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش، ئۇيغۇر مىللىتى تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملەر ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
«جىمجىتلىقنىڭ ھېكايەسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى كىتابتا ئورۇن ئالغان شېئىرلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئۆز شېئىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىدە كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختالدىم. ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ قىسقا بىر ئابزاسنى ئوقۇغان ۋاقتىدا مېنىڭ شېئىرىمدا نېمىلەرنى ئىپادىلىگەنلىكىمنى تېخىمۇ ياخشى بىلىۋالالايدۇ. مەسىلەن مەن مۇنداق بىر نەرسىنى يازدىم. ئازابلىرىمنىڭ كىيىمى يوق. كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ماي قوڭغۇزىدەك پارقىرايدۇ. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە پارقىراۋاتقان نۇر مېنىڭ شېئىرلىرىمدۇر. مېنىڭ شېئىرلىرىم كېچىدە خۇددى ئۆمۈچۈكتەك تور توقۇيدۇ. چۈنكى مەن كېچىدە تۇغۇلدۇم. كېچىدە ياشىدىم. مېنىڭ شېئىرىمنى ئوقۇغان كىشىلەر مېنىڭ نازۇك ئازابلىرىمغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ. مېنىڭ ئازابىم ئەسلىدە مەن تەۋە بولغان مىللەتنىڭ ئازابىدۇر. يورۇقلۇققا تەلپۈنگەن كىشىلەر ئۈچۈن شېئىر بىر ئۈمىدتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شېئىر يازىمەن. مېنىڭ ھېسسىياتىم ۋە شېئىر يېزىشتىكى مەقسىتىم مۇشۇ. مېنىڭ تۇيغۇلىرىم ئارزۇ-ئارمانلىرىم شېئىرلىرىمنىڭ ھەر بىر سۆز ۋە مىسرالىرىغا سىڭىپ كەتكەن. مېنىڭ مەقسىتىم قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇش، ئىنسانلارغا ئۈمىد بېرىش، ئىنسانلارنى يورۇق بىر دۇنياغا باشلاشتىن ئىبارەت. مېنىڭ شېئىرلىرىم ئوقۇغان كىشىلەرگە بىر ئازادىلىقنى، خۇددى ئۆزلىرى دېمەكچى بولغان سۆزلەرنى دەپ بەرمەكچى بولغاندەك، ئۇلارنىڭ ئازابلىرىنى يېنىكلەتمەكچى بولغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. مېنىڭ شېئىرلىرىمدا مانا مۇشۇ ھېس-تۇيغۇلار مەۋجۇت.»
«جىمجىتلىقنىڭ ھېكايەسى» ناملىق كىتابنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئامىنە ۋاھىت سەدەف خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇن ۋە بەدىئىي جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ، بۇ كىتابنىڭ تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ياخشى بىلىنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «قەدىمىي ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي گۈزەللىكلىرىنى، تاغ-دەريالىرىنى، يېزا-قىشلاقلىرىنى، خەلقىنى، ناخشا-مۇزىكىلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، بىر شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۆگىنىشنى خالىغانلار ئۈچۈن بۇ شېئىرلار تېپىلماس بىر ئىمكان سۇنماقتا. شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تارىخقا يېزىپ قالدۇرغان. تۈركىيەدە ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى 1967-يىلى كۇچادا دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق چاغلىرىنى غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 1982-يىلى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۇچاغا قايتقان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 2003-يىلى شىۋېتسىيەگە چىققۇچە ئۈرۈمچىدە 13 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ، بۇرۇندىن تارتىپ شېئىرىيەتكە قىزىقىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 8 كىتابى نەشر قىلىنغان. بۇنىڭ ئىككىسى تەرجىمە ئەسەر بولۇپ، قالغانلىرى ئىجادىي ئەسەرلەر ئىكەن. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ «جىمجىتلىقنىڭ ھېكايەسى» ناملىق كىتابى، تۇنجى قېتىم چەتئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى ئىكەن.