ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىد بەرقىنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» ناملىق رومانى تۈركچە نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

خىتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلار تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنماقتا. ياش يازغۇچى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىد بەرقى يازغان، ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى بايان قىلىنغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» ناملىق رومان تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركىيەدە نەشر قىلىندى. ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىت بەرقى بۇ روماننى يېزىپ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە نەشر قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن نەشر قىلدۇرالمىغان. مەزكۇر روماننى تۈركىيە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «بەنگۈ» نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن.

«ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» ناملىق روماننى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى روماننىڭ بەدىئىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ياش يازغۇچىمىز ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىد بەرقىنىڭ <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر> ناملىق رومانىنى ۋەقەلىك ۋە سىيوژىت قۇرۇلمىسى، پېرسوناژ قاتلىمى، مۇھىت تەسۋىرى، تىل ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان رومان دەپ باھالاشقا بولىدۇ» .

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى روماندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «روماندا شائىر ۋە ئىنقىلابچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى پۈتۈن تەپسىلاتى بىلەن ناھايىتى جانلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. نورمالدا بىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى <ئويغان> ناملىق شېئىرنى يازغان مىللەتچى ۋە ئىنقىلابچى شائىر دەپ بىلىمىز. لېكىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ، ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئاپتور مەزكۇر روماندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 32 يىللىق ھاياتىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچلىرىنى يەنى ئۇنىڭ يېتىشىش جەريانى، دۇنيا قارىشى، سۆيگۈ-مۇھەببىتى، جەمئىيەت تونۇشى، سىياسىي ئېڭى ۋە غايىلىرىنى بەدىئىي تىل ئارقىلىق بايان قىلىپ ئۆتكەن. روماندا ئاساسىي تېما بىلەن بۆلەكلەر ۋە بۆلەكلەر بىلەن پۈتۈنلۈك ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك مەنتىقلىق باغلىنىش بار» .

ئۇ، روماندىكى پېرسوناژلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «روماندىكى پېرسوناژلارنىڭ بىر قىسمى تارىخىي شەخسلەردىن تاللانغان بولسا، يەنە بىر قىسمى بەدىئىي توقۇلما ئارقىلىق يارىتىلغان. تارىخىي شەخسلەردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەخمۇت مۇھىتى، خوجا نىياز ھاجى، ياڭ زېڭشىڭ، پەن ياۋنەن، جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي، ما جۇڭيىڭ ۋە ما شىمىن قاتارلىق شەخسلەر ئۆزىگە خاس روھ، خاراكتېر ۋە پىسخىكىغا ئىگە قىلىنغان. شۇڭا روماندا بۇ شەخسلەر كۆز ئالدىمىزدا ناھايىتى جانلىق نامايان بولىدۇ» .

ئۇ، روماندىكى ۋەقە ۋە پېرسوناژلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «رومان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدىكى تەھسىل ھاياتىدىن باشلانغان. كېيىن ئۇ تاشكەنتتە بولغان. تاشكەنتتە ئابدۇرائوف فىترەت، زىكى ۋەلىدى تۇغانغا ئوخشاش مىللەتچى، يېڭىلىقپەرۋەرلەر بىلەن تونۇشقان. ئابدۇخالىق ئۆز يۇرتى تۇرپانغا قايتقاندىن كېيىن مائارىپ ۋە نەشرىيات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىر مەزگىل قاراشەھەردە تۇرغاندا موڭغۇل تىلى ئۆگىنىدۇ. تۇرپان ۋە قۇمۇل ئىنقىلابى پارتلىغاندا بۇ ئىنقىلابلارغا يېقىندىن ماسلىشىدۇ. تۇرپاندا ئىنقىلاب باشلاي دېگەندە خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قېتىل قىلىنىدۇ. روماندا مەخمۇت مۇھىتى بىلەن خوجا نىياز ھاجىنىڭ لۈكچۈندە بىرلىشىپ دۈشمەنگە قارشى قىلغان جېڭى ناھايىتى ئوبرازلىق بايان قىلىنغان» .

تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخىي رومانچىلىق مەيلى سان، سۈپەت ۋە كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن مۇھىم بىر سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

كىتابنى نەشر قىلدۇرغان ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ 2006-يىلى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە قۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان يازغۇچى ۋە شائىرلار ئەزا بولغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ھازىرغىچە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى «بەنگۈ نەشرىياتى» بىلەن «قېرىنداش قەلەملەر» نامىدىكى ژۇرنالدا ئۇيغۇرچە رومان ۋە شېئىر كىتابلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ، نەشر قىلدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ تونۇشتۇرۇلماقتا. بۇ ساھەدە ھازىرغىچە ئونغا يېقىن ئۇيغۇرچە رومان تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان بولسىمۇ بولسىمۇ، تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

روماننىڭ ئاپتورى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىد بەرقى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋە پېداگوكلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېنىقلاشلىرى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ يۇرتى لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل يېزا ساقچى خادىمى شائىرنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە تۇمشۇق تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىد بەرقى 2014-2016-يىللىرى ئارىسىدا ئىسرائىلىيەدە ئىككى يىل ئىلىم تەھسىل قىلغانىدى.