كۈنەستىكى بىر تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم بولغان غۇلجا شەھەرلىك تىجارەتچى ئابدۇخېلىل ھاشىم ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى. ئابدۇخېلىلنىڭ قازاقىستاندىكى جىيەنىنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئابدۇخېلىلنىڭ ئايالى ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئۇنىڭ بىلەن ئېكراندا كۆرۈشكەن بولۇپ، ئېكراندا ئابدۇخېلىل ساق-سالامەت ۋە كەيپىياتى ياخشى ھالەتتە كۆرۈنگەن ئىكەن. ئابدۇخېلىلنىڭ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرى ئۇنىڭ تۈرمىدە قىيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
بىز تۈرمىدە 59 يېشىدا جان ئۈزگەن ئابدۇخېلىل ھاشىم ھەققىدە غۇلجىدىكى ساقچى ئىدارىلىرى، تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە تۈرمە خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار، كۆپىنچە ھاللاردا، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
تاغىسى ئابدۇخېلىل ھاشىم ھەققىدە جۈمە كۈنى رادىيومىزغا خەۋەر بەرگەن قازاقىستانلىق ئابدۇۋاھاپ ھاكىمنىڭ بۈگۈن يەنە ئىنكاس قىلىشىچە، بىر ھەپتىگىچە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرەلمىگەن غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈنۈگۈن تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچقان. بۇ ئېغىز ئېچىشمۇ، ئابدۇۋاھاپ، ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن نەزىرنىڭ كۆرۈنۈشىنى غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يوللىغاندىن كېيىن مۇمكىن بولغان. دېيىلىشىچە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ نەزىر ۋىدىيوسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئابدۇۋاھاپنىڭ دادىسىغا يەنى ئابدۇخېلىلنىڭ ئاكىسىغا سەۋر تىلەپ سۆز قالدۇرغان. ئەمما ئۇلار يەنىلا، ئابدۇخېلىلنىڭ قانداق سەۋەب بىلەن ئۆلگەنلىكى، جەسىتىنىڭ ئائىلىگە قايتۇرۇلغان-قايتۇرۇلمىغانلىقى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇچۇرلار ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان. ئابدۇۋاھاپ ھاكىم يەنە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق، ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئايالى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرلگەنلىكى ۋە ئايالىنىڭ ئۇنى ناھايىتى ساغلام ۋە كەيپىياتى ياخشى ھالەتتە كۆرگەنلىكى ھەم بۇ تەسىراتىنى شۇ كۈنى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قولۇم قوشنىلىرى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئۇ يەنە ئابدۇخېلىلنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمىگەنلىكىدىنمۇ خەۋەر تاپقان. ئابدۇۋاھاپ ھاكىم تاغىسىنىڭ لاگېرغا كىرىشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرى بىلەن شېرىك تىجارەت قىلغان مەزگىلىدىكى ساغلاملىقى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئابدۇخېلىلنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى مۇمكىن قەدەر ئۆزىدىن يوشۇرۇشقا ترىشقانلىقى ۋە ئابدۇخېلىلنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمىگەنلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بولۇپمۇ ئۆلۈمىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئايالى بىلەن نورمال ئېكراندا كۆرۈشكەنلىكىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ تۈرمىدە قىيىن-قىستاق ۋە ياكى بىر ساقچى زوراۋانلىقى ۋەقەسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلماقتا.
بىز بۇ ئەھۋاللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۈنەستىكى ئالاقىدار خادىملارغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق.
توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈنەستە ئىلگىرىكى قارابۇغرا تۈرمىسىدىن باشقا، كۈنەس بەشتۆپىگە تەۋە يېڭى سانائەت رايونىدا قۇرۇلغان بىر تۈرمە بار بولۇپ، بۇ تۈرمە خەلق ئىچىدە يېڭى تۈرمە دەپ ئاتالغان. توردىكى ئۇچۇرلاردا بۇ تۈرمىنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى ئېنىق بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان. مەزكۇر تۈرمە ھەققىدىكى بىر سۈرەتلىك خەۋەردە مەھبۇسلارغا قارىتا دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ 40 يىلنىڭ ئالدىدا بالا ۋاقتىدا قوشنىسىدىن ئالغان دىنىي ساۋات سەۋەبلىك دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلىنىپ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. شۇڭا بىز كۈنەستىكى يېڭى تۈرمىگە تېلېفون قىلىپ، ئابدۇخېلىل ھاشىم ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. تۈرمە خىزمەتچىلىرىدىن بىرى ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما ئۇ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. تۈرمىنىڭ يەنە بىر خادىمى، ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما، ئۇمۇ ئابدۇخېلىلنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى، جۈملىدىن قىيىن-قىستاققا ۋە ياكى ساقچى زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، تۈرمىدە جان ئۈزگەن غۇلجا خەنبىڭلىك دىنىي زات ئابدۇرېشىت سەلەينىڭ ساقچى زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ئۇنىڭ باش قىسمى تېڭىقلىق ھالەتتىكى جەسەت سۈرىتىدىن مەلۇم بولغانىدى.