شائىر ئابىدە ئابباسنىڭ «تۇرنا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.12.01
شائىر ئابىدە ئابباسنىڭ «تۇرنا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى ياش شائىر ئابىدە ئابباسنىڭ «تۇرنا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى.
RFA/Azigh

يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى «ئۇيغۇر يار فوندى» نىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن ياش شائىر ئابىدە ئابباس نەسرىننىڭ «تۇرنا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسى تارمىقىدىكى ئەرگۈۋان (Ergüvan ) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «تۇرنا» ياش شائىر ئابىدە ئابباسنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كىيىن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشىغا ئېرىشكەن.

شائىر ئابىدە ئابباس خانىم شېئىر ۋە شائىر ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر شائىرغا نىسبەتەن شېئىردىن ۋاز كېچىش ياكى تاللاش ئەركىنلىكى بولمايدۇ. خۇددى ئىنسان جىنسى ۋە مىللىتىنى تاللىيالمىغانغا ئوخشاش، شائىر ئۈچۈن شېئىر يازماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بولمايدۇ. شائىرنىڭ يوقىتىشلىرى ۋە شائىرانە غۇرۇرى ئۇنى شائىر قىلغان دەپ ئويلايمەن. ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقىتىدۇ، ئېرىشىدۇ. لېكىن شائىرلىقتىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. شېئىر مەن ئۈچۈن قىزىقىش قوزغايدىغان ياخشى نەرسىمۇ ئەمەس، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكار قىلىنىدىغان يامان نەرسىمۇ ئەمەس. شائىرنىڭ شېئىر يېزىۋاتقانلىقىغا قىزىقىش تەگسىز قاراڭغۇلۇققا قىزىقىش، شائىرنى ماختاش جاراھەتنى ماختاش بىلەن ئوخشاش دەپ قارايمەن.»

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىم ياش شائىر ئابىدە ئابباسنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نەسرىننىڭ ئىككى ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىدە ساددىلىق ۋە ئاددىيلىق بار ئىدى. شېئىرى مەنىدە ھېس تۇيغۇلارنى ئوبرازلىق تەپەككۇر ياكى كونكرېت ئوبرازلار بىلەن ئىپادىلەيدىغان شېئىرىي شەكىللەر بار ئىدى. بولۇپمۇ كېيىنكى ئىككى يىلدىن بۇيانقى شېئىرلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ناھايىتى زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. شېئىرلاردا ئىپادىلىمەكچى بولغان ھېس تۇيغۇ ۋە شېئىرى مەنىلەر ئاساسەن ئابستراكتلاشتۇرۇلغان ئۇقۇملار ئارقىلىق، يېڭىچە شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. شېئىرلاردا پىكرى ناھايىتى تېرەنلىككە قاراپ يۈزلەنگەن، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىلەرمۇ كۆپ خىللىققا، كەڭلىككە ۋە دۇنيانىڭ تاشقىي قىياپىتىدىن ئىچكىي مەنىسىگە قاراپ، ئىنساننىڭ تاشقىي دۇنيادىكى ھەرىكەتلىرىدىن ئىچكىي دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشىگە قاراپ يۈزلەنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.»

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى قەلەمگە ئالغان بولۇپ، دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم كىتابخانلارغا تۆۋەندىكىدەك سوئال تاشلىغان: «28ياشلىق بىر ئايال، ئانا، ئۇيغۇر، مۇسۇلمان ۋە تۈركىيەدە مۇساپىر بۇلار بىراۋنىڭ شائىر بولۇشىدا نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟ بولۇپمۇ كېلەچىكى تېرەن ۋە قورقۇنچلۇق مەجھۇللۇققا تولغان بىر مىللەتنىڭ شائىرى بولۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ ئانا تىلى جىددىي كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان مىللەتنىڭ دەل ئاشۇ تىلدا، بولۇپمۇ ئاشۇ تىلنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ سىپتا ۋە ئەڭ مۇرەككەپ قىسمىدا شېئىر يېزىش يەنە نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟»

بىز سىياسىي كىلىمات سەۋەبلىك يوقىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قانداق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىش كېرەك دېگەن سوئال ئەتراپىدا پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەۋجۇت رېئاللىقىنى چۆرىدىگەن ئاساستا سوئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە راۋاجلىنىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى رېئال تىرىشچانلىق دەپ قاراشقا بولىدىكەن. شىىۋىتسىيەدە رەسمىي ئەنگە ئىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.