ئابلىكىم يۈسۈپ: «مەن يېڭىدىن تۇغۇلغاندەك بولدۇم»

0:00 / 0:00

6 -ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى داللاس ئايرىدرومىنىڭ قارشى ئېلىش زالىدا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كۈتۈشتىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ياردىمىدە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ، قاتارنىڭ دوھا شەھىرىدىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا قاراپ ئۇچقان ئابلىكىم يۈسۈپنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابلىكىم «مەن قايتا تۇغۇلغاندەك بولدۇم» دېدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمدە ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلغان بارلىق ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرگە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنى قارشى ئېلىشقا چىققان ئۇيغۇرلار بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابلىكىم يۈسۈپ: « بۇنداق قىسقا بىر ۋاقىتتا قۇتۇلۇپ قېلىشىمنى ئويلىمىغان ئىدىم، بەك تەسىرلەندىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا رەھمەت، مەن يېڭىدىن تۇغۇلغاندەك بولدۇم» دەپ ھاياجان بىلەن سۆزىنى باشلىدى.

ئابلىكىم 2- ئاۋغۇست كۈنى دوھا ئايرىدرومىدىن، ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغانلىقىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۆزىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قېلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۇچۇر تارقاتقانىدى. خەتەرگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى:«ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلىكىم ئەپەندىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇ كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتەك بۇ غەلىبىسى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا قارشى دىپلوماتىك غەلىبە» دېدى.

ئابلىكىمنىڭ ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش كاپالىتى ۋە باشقا ئىشلاردا ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكادا پاناھلىق تىلەش قاتارلىق قانۇنىي رەسمىيەتلىرىگە ئادۋوكات كىمبېرلېي موتلېي خانىم مەسئۇل بولىدىكەن. ئابلىكىمنى قارشى ئېلىشقا چىققان كىمبېرلېي خانىم، بۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر مۇساپىرغا ياردەم بېرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئابلىكىمنىڭ بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئابلىكىمنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەزىيىتىدە قالغان ئابلىكىمنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە 3- بىر دۆلەتتىن ئامېرىكاغا غەلىبىلىك ئېلىپ كېلىشىگە كۆرسەتكەن ياردىمىنى « بىر مۆجىزە خاراكتېرلىك ئىش» دېگەن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل يەنە: «ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىگە بۇنداق جىددىي مۇئامىلە قىلىشىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋىتىدە قانداق مۇھىم يەرگە كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ تەكىتلىدى. نۇرى ئەپەندى يەنە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بەرگەن بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ خىل ھايات- ماماتلىق كرىزىستىن قۇتۇلۇشقا قارىغۇلارچە، قانۇنسىز يوللار بىلەن تەۋەككۈل قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پاكىستاندا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمىغانلىقى ئۈچۈن 31 -ئىيۇل كۈنى كەچتە پاكىستان - دوھا - سارايېۋو ئۇلانما ئۇچۇش بېلىتى بىلەن خىتاي پاسپورتى ئارقىلىق ۋىزىسىز كىرگىلى بولىدىغان بوسنىيەگە قاراپ يول ئالغان ئابلىكىم، 2-ئاۋغۇست كۈنى بوسنىيە پايتەختى سارايېۋوغا چۈشكەن. ئەمما بوسنىيە تەرەپ ئۇنى چېگرادىن كىرگۈزمەستىن، قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن دوھاغا قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇ دوھا خەلقئارا ئايرىدرومىغا يېتىپ كەلگەندە، قاتار دائىرىلىرى ئۇنىڭ 3-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 11:00 دە بېيجىڭغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغان ئابلىكىمنىڭ دوھا ئايرىدرومىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ۋە ئۇنىڭ تەرجىمانلىق ئىشلىرىدا ياردەملەشكەن تاھىر ئىمىن، « ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى خىرىسقا ئۇچرىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مېھرى مۇھەببەتلىك ھەمكارلىق روھىدىن تەسىرلەنگەنلىكى شۇنداقلا بۇ روھنىڭ ئابلىكىم يۈسۈپ ۋەقەسىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك تەرىپى دەپ قارايدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابلىكىم يۈسۈپ، ئۆزىنىڭ پاكىستاندىن ئۇيغۇر دىيارىغا قايتماي، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشكە تەۋەككۈل قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ پاكىستاندىن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ بانكا ھېساباتلىرىنىڭ توڭلىتىشى ۋە يەنە خىتايلارنىڭ پاكىستانلىق قىزلارغا يالغان ئۆيلىنىپ، ئادەم قاچاقچىلىقى قىلىش ۋەقەلىرى پاش بولغاندىن كېيىن، غەزەپلەنگەن پاكىستانلىقلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆزىنىڭ پاكىستاندا داۋاملىق تۇرۇشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە، ئابلىكىم يۈسۈپ ئامېرىكاغا ساق -سالامەت ھالدا يالغۇز يېتىپ كېلىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ پاكىستاندا قالغان ئايالى ۋە 5 ياشلىق بالىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.